يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ جابدۇق نىزامى» ئېلان قىلىندى

2021-01-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ جابدۇق نىزامى»نى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسىمەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ جابدۇق نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

«نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، دىققەت ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك مەركەزلەشتۈرۈلۈپ،جابدۇق خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تۈزۈلمىدىكى جابدۇق خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئارمىيەنىڭ جابدۇق خىزمىتىدىكى ئاساسىي قائىدە - نىزام ھېسابلىنىدۇ.

«نىزام» جەمئىي 14 باب، 100 ماددا بولۇپ، «ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش» ئومۇمىي پىرىنسىپى بويىچە، يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى ئىشتاتتىكى ھەر دەرىجىلىك جابدۇق تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت دائىرىسى، خىزمەت مۇناسىۋىتى قېلىپلاشتۇرۇلغان؛ جەڭگىۋارلىقنى بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەمەلىي جەڭ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، «جەڭ» بىلەن «قۇرۇلۇش»نى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان؛ ئېھتىياج يىرىك پىلاننى يېتەكلەش، يىرىك پىلان بايلىق تەقسىملەشكە يېتەكچىلىك قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، جابدۇق ساھەسىدىكى ئېھتىياج، يىرىك پىلان، خامچوت، ئىجرا قىلىش، باھالاشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش زەنجىرسىمان يولى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن؛ جابدۇق قۇرۇلۇشىنى زامانىۋى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، جابدۇقنىڭ پۈتۈن سىستېمىسى، پۈتۈن ئۆمرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى مۇھىم ئامىللىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلغان؛ مەۋقە جابدۇق قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قويۇلۇپ، جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، رىقابەتلىك، ئوچۇق، رىغبەتلەندۈرىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك خىزمەت تۈزۈمى بەرپا قىلىنغان.