يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، تۇرمۇشىڭلارنى بارغانسېرى ياخشىلاڭلار

2021-02-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، خېبېي ئۆلكىسى پىڭشەن ناھىيەسىنىڭ شىبەيپو بازىرى بېيجۇاڭ كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلھاملاندۇردى

يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، تۇرمۇشىڭلارنى بارغانسېرى ياخشىلاڭلار

جاۋاب خەت

خېبېي ئۆلكىسى پىڭشەن ناھىيەسىنىڭ شىبەيپو بازىرى بېيجۇاڭ كەنتىدىكى پارتىيەلىك يولداشلار:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. 78 يىل ئىلگىرى، «ئىتتىپاقلىق − كۈچ» دېگەن ناخشا سىلەرنىڭ ئاشۇ جايدا ياڭراپ، يۈزمىليونلىغان خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ ئېيتىلىدىغان ئىنقىلابىي ناخشىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، سىلەر يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتىڭلار، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم.

ئىتتىپاقلىق − كۈچ، بۇ كۈچ تۆمۈر، بۇ كۈچ پولات. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلغان تارىخ، شىبەيپودىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇر. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، سىلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇڭلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، تۇرمۇشىڭلارنى بارغانسېرى ياخشىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يۇرتداشلارغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن!

شى جىنپىڭ

2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خېبېي ئۆلكىسى پىڭشەن ناھىيەسىنىڭ شىبەيپو بازىرى بېيجۇاڭ كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، يۇرتداشلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: 78 يىل ئىلگىرى، «ئىتتىپاقلىق − كۈچ» دېگەن ناخشا سىلەرنىڭ ئاشۇ جايدا ياڭراپ، يۈزمىليونلىغان خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ ئېيتىلىدىغان ئىنقىلابىي ناخشىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، سىلەر يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتىڭلار، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلىق − كۈچ، بۇ كۈچ تۆمۈر، بۇ كۈچ پولات. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلغان تارىخ، شىبەيپودىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇر. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، سىلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇڭلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، تۇرمۇشىڭلارنى بارغانسېرى ياخشىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

1943 - يىلى 6 - ئايدا، غەربىي شىمال جەڭ مەيدانى مۇلازىمەت تۇەنى پىڭشەن ناھىيەسىگە كېلىپ ئىنقىلابىي كۈرەشكە قاتناشقان، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بېيجۇاڭ كەنتىدە ئوپېرا ۋە ئوخشاش نامدىكى «ئىتتىپاقلىق − كۈچ» ناملىق ناخشىنى ئىجاد قىلغان ھەم مۇشۇ كەنتتە تۇنجى قېتىم ئورۇنلىغان. يېقىندا، بېيجۇاڭ كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بۇ ناخشىنىڭ ئىلھامى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئاممىنى داۋاملىق ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى ياخشى گۈللەندۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.