مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭىچە ھەربىي مەشىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى بېسىپ تارقاتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «يېڭىچە ھەربىي مەشىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى بېسىپ تارقاتتى.
«قارار»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئارمىيە شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك دۈشمەن، رەقىبلەرنى چىڭ كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش - ئەمەلىي مەشىق، بىرلەشمە ئۇرۇش - بىرلەشمە مەشىق، مەشىقنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچەيتىش، مەشىقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىچە ھەربىي مەشىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
«قارار»دا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۇرۇش بىلەن مەشىقنىڭ بىردەكلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بىرلەشمە مەشىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مەشىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مەشىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تىرەك بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش مېخانىزمى ۋە ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇرۇش بىلەن مەشىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ باغلانغان، ئىدىيە، ئەندىزە ئىلغار بولغان، مەزمۇن، ئۇسۇل ئىلمىي بولغان، تەشكىللەش، باشقۇرۇش يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، بايلىق، كاپالەت كۈچلۈك بولغان، سىياسەت، تۈزۈم يۈرۈشلەشكەن يېڭىچە ھەربىي مەشىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.
«قارار»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئۇرۇش بىلەن مەشىقنى چوڭقۇر باغلاش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇرۇش بىلەن مەشىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنىڭ مەزمۇنى، ئۆلچىمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسى مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ سىستېما بويىچە ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ مەشىق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قوماندانلىق قىلىش مەشىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ ھەربىي مەشىقنى يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشىق باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەشىق پىلانى بويىچە باشقۇرۇشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قىيىن، قاتتىق بولۇش تەلىپى بويىچە مەشىققە تەشكىللەپ، مەشىقنى يولغا قويۇپ، مەشىقنى تەكشۈرۈش، باھالاشنى چىڭىتىپ، مەشىق نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەشىق نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەشىق بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك؛ ھەربىي مەشىق شارائىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەشىق كاپالىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەينەن جەڭ مەيدانى مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىلغار مەشىق ۋاسىتىلىرىنى تەتقىق قىلىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ھەربىي مەشىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش بىرىكمە كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تىرەك بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىكى يىغىلىپ قالغان نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولغان خىزمەت يۆنىلىشى، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى، سىياسەت يۆنىلىشى، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.