يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت نىزامى» ئېلان قىلىندى

2021-02-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت نىزامى» ئېلان قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسىپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) يېقىندا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى.

«نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى ۋە ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش تەدبىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت، كۈچ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ جان تومۇرلۇق ئورنى، رولى مۇستەھكەملىنىپ، ئېسىل ئەنئەنە جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، دەۋر باش تېمىسى، ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپى، ئاساسلىق مەزمۇنى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى، سىياسىي خىزمەت تارماقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى، پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرى، سىياسىي كادىرلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ۋە ساپا تەلىپى، ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

«نىزام» يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىدىكىپارتىيەنىڭ ئاساسىي غوللۇق ئىچكى نىزامى، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، ھەربىي سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى مۇقەررەركى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيەنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.