​ 2022 - يىللىق «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى

2022-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى

​ 2022 - يىللىق «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسىشى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر ھەربىيلەرنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ شان - شەرەپ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى يېقىندا 2022 - يىللىق «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.

شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى سەنچى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كاپالىتى مۇلازىمەت ئەترىتى كوللېكتىپى ۋە ما يۇڭچىڭ قاتارلىق 19 نەپەر ئىلغار شەخس 2022 - يىللىق «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي» نامىغا ئېرىشتى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېيىپ بولسىمۇ ئىرادىسى چىڭ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلغۇچىلار، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلغان ئىگىلىك تىكلەش نەمۇنىچىلىرى، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان، قالتىس نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ لەۋزىدە تۇرغان، چوڭلارغا ۋاپادار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنىدىغان ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ مائارىپنى سۆيىدىغان، بىلىم ئۆگىتىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىلىرى، يەنە پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلغان مەدەنىيلىك ئەلچىلىرى بار... ئۇلار خەلق ئارمىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنسىمۇ خىسلىتىنى يوقاتمايدىغان، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ساداقەتمەن پەزىلىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى؛ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشىدىغان كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

ئېلان قىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا سىنلىق كۆرسىتىش، ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە خىزمەت، تۇرمۇش تەسىراتلىرى بايان قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۇلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.