مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقاتتى

2022-09-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن مۇشۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «بەلگىلىمە»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى تەجرىبىلەر قوبۇل قىلىندى، رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشتەك ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئىقتىدارلىقلار چىقىدىغان، مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتلىنىدىغان، ئىقتىدارسىزلار چۈشۈرۈۋېتىلىدىغان، ناچارلار شاللىۋېتىلىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ۋە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تايانچ قوشۇن قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات (كادىرلار ئىشلىرى) تارماقلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي چىڭىتىش، دادىل باشقۇرۇش - دادىل چىڭىتىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش - ئۇزاققىچە چىڭىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى خىزمەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوغدىشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «بەلگىلىمە»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. «بەلگىلىمە»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.