شى جىنپىڭ 2022 - يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 2022 - يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. مۇشۇنداق مۇھىم تارىخىي پەيتتە، مەن يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىككە ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىپ، تىنچلىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىپ، بىرلىكتە تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلدىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلقى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە «يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداش روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.