شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى

2022-11-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى



شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلاربەي لىن، ليۇ خۇا) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشى تېزلىشىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجوۋ باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن مەزگىلدە، رەقەملىك ئىقتىسادنى تۇنجى قېتىم 20 دۆلەت گۇرۇھى قارالمىسىغا كىرگۈزۈپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قېزىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشكە ئۇيغۇنلىشىش، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رەقەملىك ھەمكارلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىرىنچىدىن، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئادىل، باراۋەر بولغان، كەمسىتىش بولمىغان رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش جەھەتتە خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋى ئېشىشقا تۈرتكە بولۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش كېرەك. ئاتالمىش «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام» قوپۇرۇش، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چەكلەش ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغاندا، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۆزىگىمۇ پايدىسى تەگمەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىككىنچى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەم ھاڭىنى تولدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ رەقەملىك دەۋردىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئومۇمىي خەلقنىڭ رەقەملەشتۈرۈش ماھارىتى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئاجىز توپنىڭ رەقەملەشتۈرۈش دولقۇنىغا سىڭىشىشىگە ياردەم بېرىپ، رەقەم ھاڭىنى تىرىشىپ تۈگىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رەقەملىك يىپەك يولى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم رەقەملىك ئىقتىسادنى يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدىكى نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەسىگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ ھەقتە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى جانلىنىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ «20 دۆلەت گۇرۇھى رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت رەقەملىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يەرشارىۋى رەقەملىك ئىقتىساد ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ۋە رەپىقىسى ئىليانانىڭ بالى ئارىلىدىكى شېنيىڭ مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.