شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئۆزئارا دوستانە ئۆتىدىغان قوشنا دۆلەتلەر ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى ھەمراھلار بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، نەتىجىلەر ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەشتىن ئىبارەت ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.
6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى، باش تېمىسى «يېڭى پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەيلى»، كۆرگەزمىنى سودا مىنىستىرلىقى بىلەن يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.