يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

2022-12-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​− پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما يولداش جياڭ زېمىننى داۋاملىق چوڭقۇر ياد ئەتتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كادىرلار، ئامما چەكسىز قايغۇلۇق ھېسسىياتى بىلەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ قالتىس تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ روھىي سالاپىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈرۈشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

قايغۇلۇق ياد ئېتىپ، كەڭ كادىرلار، ئامما يولداش جياڭ زېمىننىڭ شانلىق كۈرەش قىلغان ھاياتىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلىدى

شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلەش يېڭى مۇساپە ئابىدە مۇنارى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئابىدە خېتىگە يولداش جياڭ زېمىن ئانا مەكتىپىدىن ئۈمىد كۈتۈپ: «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، قاتناش داشۆسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى» دەپ يازغانىدى.

سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش، تەزىم قىلىش، گۈل تەقدىم قىلغىلى كەلگەن 2021 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانت جاڭ چېنيىنىڭ كۆزى ياشقا تولغانىدى. مەكتەپ تارىخى مۇزېيىنىڭ پىدائىي چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ چېنيىنىڭ قەلبىگە يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىش، پارتىيەنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشلىرى مەھكەم ئورنىغانىدى. «ھەر قېتىملىق چۈشەندۈرۈشتىن مەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن دەيدىغان ئېتىقادى ۋە پەزىلىتىنى ھېس قىلىمەن. پېشقەدەم ئۇستاز، بىز سىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز».

پۇدۇڭ يېڭى رايونى جىنچياۋ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش رايونى تەرەققىيات شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى جۇ شياۋمىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «پۇدۇڭنى ئېچىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بىرمەھەل مەبلەغ، تەجرىبە، تۈر، ئىختىساسلىقلار كەمچىل ئىدى، يولداش جياڭ زېمىن ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلھامى بىزنى ھېسسىيات، ئەقىل - پاراسەت، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتىگە ئىگە قىلدى. بىز يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشىغا ئىنتايىن قايىل».

يولداش جياڭ زېمىن ئىلگىرى يۆتكىلىش بۇيرۇقىغا بىنائەن چاڭچۇن 1 - ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. بۇ يىل 89 ياشقا كىرگەن ليۇ رېنۋېي ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بېرىپ قۇرغان 1 - ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى كىرېۋنىڭ تەرجىمانى ئىدى، قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا نەچچە ئون يىل ئىلگىرى يولداش جياڭ زېمىن بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان كۆرۈنۈشنى ئەسلىدى. ليۇ رېنۋېي مۇنداق دېدى: تارىخ يولداش جياڭ زېمىننىڭ يېڭى جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى ۋە شەرقىي شىمال سانائەت بازىسى قۇرۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئىلمىي پوزىتسىيەسى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي - ساددا ياشاش ئىستىلى، ھەممە يەردە ئاممىنى ئويلايدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتى بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

«كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر.» جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن باشتىن - ئاخىر پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئوقەتچىلىكتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىمىز.

1999 - يىلى 5 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن ۋۇخەن پوچتا - تېلېگراف ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ بازار رىقابەت ئىقتىدارى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

شۇ چاغدا ۋۇخەن پوچتا - تېلېگراف ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى زاپچاس ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان لۇ گوچىڭ مۇنداق دېدى: «يولداش جياڭ زېمىننىڭ جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش روھى بىزنى ھەر ۋاقىت دۇنيا ئۇچۇر ئالاقە تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىجادىي تېخنىكا مەنبەسى بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى».

جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 86 ياشقا كىرگەن سابىق باش كاتىپى ۋېي جىجۇڭ يولداش جياڭ زېمىننىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدىكى ھېكايىسىنى ئەسلىدى.

«2001 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كۈنى كەچتە، يولداش جياڭ زېمىن بېيجىڭ جۇڭخۇا شىجىتەن ۋە تيەنئەنمېن مەيدانىدا ھەر ساھەدىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە بۇ خۇشال پەيتنى تەبرىكلىگەنىدى. ئاشۇ كۆرۈنۈش خۇددى ھازىرلا كۆز ئالدىمدا تۇرغاندەك تۇيۇلىدۇ». ۋېي جىجۇڭ مۇنداق دېدى: ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇساپىسى جۇڭگولۇقلارنى جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە، ھازىر دۆلەت تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، خەلق ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى تېخىمۇ ئۆزىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىگە تايىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

كەڭ كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ھاياتى شانلىق ھايات، كۈرەش قىلغان ھايات. 70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، ئۇ كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي ئېغىشماي، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. يولداش جياڭ زېمىن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.

دەۋر شۇنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇكى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ ياراتقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ

2000 - يىلى 2 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن ھەم ماۋمىڭ گاۋجۇ شەھىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار «ئۈچكە ئەھمىيەت بېرىش» تەربىيەسى يىغىنىغا قاتناشقان. ئۆز بېشىدىن كەچۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ گاۋجۇ شەھىرى گېنزى بازارلىق پارتىيە كومىتېتى سابىق شۇجىسى خۇاڭ ۋۇنىڭ يىغىندا يولداش جياڭ زېمىننىڭ مۇھىم سۆز قىلغانلىقى، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتقانلىقى ئېنىق ئېسىدە. بەش كۈندىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن گۇاڭجوۋدا ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

«يولداش جياڭ زېمىن پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسىنى يارىتىپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي بىر ماركسىزمچىنىڭ غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە نەزەرىيە جاسارىتىنى نامايان قىلدى» دېدى خۇاڭ ۋۇ.

ئەنخۇي خېفىينىڭ ئىلىم - پەن ئارىلىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خېفېي ماددا ئىلمى تەتقىقات يۇرتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق تەتقىقات ئورنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ لىفاڭ 1998 - يىلى يولداش جياڭ زېمىن ئارالغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئەينى چاغدا تېخى دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋۇ لىفاڭ يولداش جياڭ زېمىنغا ئىئونلۇق دەستە تېخنىكىسىنىڭ مۇتاگېنلىق سورت يېتىشتۈرۈشتە قوللىنىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. «ئۇ پەن - تېخنىكىنىڭ جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىزنى داۋاملىق پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى» دېدى ۋۇ لىفاڭ.

يولداش جياڭ زېمىن پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەم ئەينى چاغدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خېفېي شۆبىسىگە «ئىلىم - پەن ئارىلى» دەپ نام بەردى. بۈگۈنكى كۈندە ئۈچ كىۋادرات كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان بۇ كىچىك ئارالدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «سۈنئىي قۇياش» EASTنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن چوڭ ئىلىم - پەن جابدۇقلىرى قۇرۇلۇپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم دۇنياۋى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى بۇ يەردە بارلىققا كەلدى.

1999 - يىلى 6 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن غالىبىيەت نېفىتلىكىگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، شۇ چاغدىكى غالىبىيەت نېفىتلىكى ھېسابلاش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ گۇەنشۆنىڭ چۈشەندۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلىدى. «يولداش جياڭ زېمىن خۇشخۇي، سەمىمىي بولۇپ، بىزنىڭ ئالغا باسقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ ئىنتايىن مەمنۇن بولدى، ئۇ خۇشاللىق بىلەن <ئىگىلىك تىكلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەيلى> دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى.» شۈ گۇەنشۆ مۇنداق دېدى: بۇ غالىبىيەت نېفىتلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئىلھام ۋە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ كەلدى.

«يولداش جياڭ زېمىن ئاممىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى ۋە ھال - ئەھۋالىنى ھەمىشە قەلبىگە پۈكۈپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئاساسەن خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى.» ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننور شەھىرى لىنخې رايونى گەنجاۋمياۋ بازىرى گۇاڭليەن كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يوۋسەي كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە يولداش جياڭ زېمىننىڭ يۇرتداشلارغا ئېلىپ كەلگەن ئىلھامى ۋە ئىللىقلىقىنى ياد ئەتتى.

1990 - يىلى 9 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن كەنتكە كېلىپ مېۋىلىك باغلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي كىرىم ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. «يولداش جياڭ زېمىن بىزنى دادىل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ كۆرسىتىپ، كۆپچىلىكنى خاتىرجەم قىلدى. پۈتۈن كەنتتە مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى مۇقىم يولغا قويۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلدى» دېدى ۋاڭ يوۋسەي.

78 ياشلىق يۈ گوگاڭ شېنجېن ئاكسىيە سودا بازىرىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن شاڭخەي، شېنجېندىن ئىبارەت ئىككى ئاكسىيە سودا بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا زور قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى.

«يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك غايەت زور جاسارىتى بىلەن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى بېكىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.» يۈ گوگاڭ مۇنداق دېدى: شېنجېن ئاكسىيە سودا بازىرى بىر كۆزنەك ۋە ئىخچام كۆرۈنۈش، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شېنجېن ئاكسىيە سودا بازىرىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سانى «كونا بەش خىل پاي» شىركەتلىرىدىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى 2700دىن ئاشتى، كەلگۈسىدە چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ.

يولداش جياڭ زېمىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

«يولداش جياڭ زېمىننىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بىزنى ئىلھاملاندۇردى.» 1994 - يىلى 6 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن فۇجيەن چۈەنجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، نەنيىن، ياغاچ قونچاق تىياتىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت نومۇرلىرى ئويۇنىنى كۆردى، شۇ چاغدىكى چۈەنجوۋ شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن رىشېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن ناھايىتى ئەستايىدىل كۆردى، ئويۇن ئاخىرلاشقاندا، ئۇ كىچىك ئارتىسلار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يەنە زور ئىشتىياق بىلەن نەي چېلىشنى سىناپ كۆردى.

«ئەينى چاغدا يولداش جياڭ زېمىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئاشۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى كېيىن چۈەنجوۋنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان تايانچلاردىن بولۇپ قالدى.» چېن رىشېڭ مۇنداق دېدى: ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولداش جياڭ زېمىن دائىم كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان چوڭقۇر تەسەللى.

ئىرادىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش

جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى يۇڭشيۇ ناھىيەسىنىڭ لىشىن يېزىسى 1998 - يىلى يۈزبەرگەن چاڭجياڭ دەرياسى كەلكۈن ئاپىتىدىكى ئېغىر ئاپەت رايونى ئىدى. شۇ يىلى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان كۈنلەردە، يولداش جياڭ زېمىننىڭ يامغۇرغا قارىماي توسمىغا كېلىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاممىدىن ھال سورىغانلىقى بۇ جايدىكى يۇرتداشلارنىڭ ئېنىق ئېسىدە.

«يولداش جياڭ زېمىن مەن بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىزنى يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، زور ئاپەتتىن كېيىن يۇرت - ماكانىمىزنى قايتا قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىغا غايەت زور مەدەت ۋە ئىلھام بەردى.» شۇ چاغدىكى لىشىن يېزىسى چېشى كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ چاڭجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «24 يىل ئۆتۈپ كەتتى، قىيىنچىلىققا يولۇققىنىمدا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئەسلىسەملا، روھلىنىپ، ئىش قىلىشتا غەيرەتكە تولىمەن. بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز ئۇنى چىن قەلبىمىزدىن ياد ئېتىمىز».

گۇيياڭ، چيەنتاۋ بۇيىزۇ - مياۋزۇ يېزىسىنىڭ چىلۇڭ كەنتى لويى يېڭى كەنتى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، چىلۇڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 48 ياشلىق شۇجىسى ليۇ چىيۈن قاتتىق قايغۇغا چۆمدى. 1996 - يىلى 10 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن گۇيجوۋ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، لويى يېڭى كەنتىگە بېرىپ لاۋياشەن تېغىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان مياۋزۇ قېرىنداشلارنى يوقلىغانىدى.

«يولداش جياڭ زېمىن تاغلىق رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى قەلبىگە پۈككەنىدى، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈككەنىدى.» ئەينى چاغدا ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ئەمدىلا كەنتكە چېنىقىشقا كەلگەن ليۇ چىيۈننىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى لاۋياشەن تېغىدا شۇ چاغدا 23 ئائىلىلىك مياۋزۇ ئامما ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، سۇ كەمچىل، توك يوق، يول يوق ئىدى. نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، شۇ جاي تاغ باغرىدا لويى يېڭى كەنتىنى قۇردى، ئامما خىش، ياغاچ، كاھىشلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، سۇ، توك، يولدىن ئىبارەت «ئۈچ راۋان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

«شۇ چاغدا بىز كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ئەمدىلا ھەل قىلغانىدۇق، ھازىر پۈتۈن كەنتنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.» ليۇ چىيۈن مۇنداق دېدى: «بىز يېڭى دەۋردە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىمىز ئارقىلىق يولداش جياڭ زېمىننى خاتىرجەم قىلىمىز».

قارلىق ئېگىزلىكتە، زاڭزۇ قېرىنداشلار يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، 84 ياشلىق ياشانغان كىشى لوساڭ ئۆزىنىڭ يولداش جياڭ زېمىنغا خادا تەقدىم قىلغان سۈرىتىنى قولىغا ئېلىپ چوڭقۇر ئەسلىمىلەر قاينىمىغا چۆمدى.

1998 - يىلى 3 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. شۇ چاغدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، لاسا شەھىرى چېڭگۈەن رايونى شۆ ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لوساڭ يولداش جياڭ زېمىنغا ئاپپاق خادا تەقدىم قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

«ئەسىر ئالمىشىدىغان تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، غەربىي قىسىم رايونلارنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.» 1999 - يىلى يولداش جياڭ زېمىن «غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى ئەسىرگە يۈزلەنگەن بۇ مۇھىم، زور تەدبىر شىزاڭنىڭ تېز تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، تۈرلۈك ئىشلاردا ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

«بۈگۈنكى شىزاڭدا يولداش جياڭ زېمىن ئارزۇ قىلغاندەك جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ. بىز ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز» دېدى لوساڭ.

جەنۇبىي دېڭىز ساھىلى خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياڭپۇغا بېرىلگەن تۈرلۈك ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرى تېز ئەمەلىيلەشمەكتە.

«ياڭپۇنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى يولداش جياڭ زېمىننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ.» خەينەن ئۆلكىسى دەنجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن يەنشىننىڭ ياڭپۇدا يىلتىز تارتقىنىغا 30 يىلغا يېقىن بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز زور ئۈمىدنى يەردە قويماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياڭپۇنى خەينەن تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل نام كارتىسى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك».

2006 - يىلى، يولداش جياڭ زېمىن «جياڭ زېمىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومى، 3 - تومىنى تەھرىرلەش ۋە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىلگىرى «جياڭ زېمىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نى تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى 3 - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ مىڭجيې چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يولداش جياڭ زېمىن ھەمىشە دەۋرنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە پۇرسىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، يول ئىزدەشتە چىڭ تۇردى، پۇختا، ئەستايىدىل بولدى شۇنداقلا يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتى مەڭگۈ بىزنى تەربىيەلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ».

كەڭ كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىننى ئەڭ ياخشى خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئۆزى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتۇر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)