جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

2023-01-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​(2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 127 كىشى قاتناشتى، 207 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2023 - يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يولداش لى شىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتايلى» تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلۇپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى، ئاساسلىق ئىپادىسى ۋە ھەل قىلىش يولى چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى، ئەمەلىيەت تەلىپى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيە چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇن مول، بايانلار مۇپەسسەل، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى، شەخسىيەتسىز - ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەيدىغان يۈكسەك مەنزىلى، چوڭقۇر، سەمىمىي بولغان خەلقچىل ھېسسىياتى، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان بۇرچنى زىممىگە ئېلىشى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، يېتەكلەشچانلىققا، قاراتمىلىققا ئىگە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، پۇختا ۋە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي زىممىگە ئېلىش؛ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش؛ پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئادا قىلىش؛ چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش؛ دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاساس سالىدىغان مۇھىم بىر يىل. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋەزىپە - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىرىنچى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، «يەتتە خىل قىلمىش» مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بايقاش، كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە ئاساسەن چىقارغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىجرا قىلىشنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكى، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، قېيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش نىزامىنى تەتقىق قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر دۆلەت قانۇنى چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قانۇن - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپى بويىچە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىش سىستېمىسى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسى، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئاساسىي قاتلام نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، نازارەتچىلىكنىڭ دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، دائىملىق ھالەتكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە بولغان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆتكۈر قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەم جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچى ئاجىز بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەم جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كېڭەيتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي كۆزىتىشنىڭ بەلگىلەنگەن ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، قاتتىق بولۇش تەلىپىنى كۆزىتىش پۈتكۈل جەريانىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. دائىملىق كۆزىتىش، مەخسۇس كۆزىتىش، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش ۋە كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 - نۆۋەتلىك، 2 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەرنى تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنى قاتتىق تۈزەپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، قەتئىي تۈردە قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوشۇرۇن ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چارچاپ ئۇرۇشتىن بىزار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەكرارلىنىشچان، جاھىل خاراكتېرلىك، باشقىچە تۈس ئالغان، ئۆزىنى دالدىغا ئالغان، يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، كۈچىمەسلىك، سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بىر تەرەپلىمە چۈشىنىش، ئۆلۈك ئىجرا قىلىش، قوپال مەشغۇلات قىلىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ھوقۇقنى خالىغانچە ئىشلىتىش، قالايمىقان ئىش قىلىش، ھوقۇق قارىشى ياتلىشىش، سىياسىي نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىش، كەسىپ قارىشى ئېغىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، تۈگۈن - سەۋەبىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، دەل جايىدا تۈزەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك. «تۆت خاھىش»نى تۈزەش، يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بەشىنچى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. دائىملىق ئىنتىزام تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام، قائىدىلىرىنى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈش كېرەك. ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزام تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ ئېغىر، زور دېلولار يۈزبەرگەن ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام، بەلگىلىمە ۋە قائىدە - تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى بىرى بايقالسا بىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلاپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پائال نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام - قانۇن ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىش مىقدارىنى تېخىمۇ كۈچەپ توسۇپ، ساقلانما مىقدارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈگىتىش كېرەك. نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىكنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەنپەئەت گۇرۇھى ۋە ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ جارچىسى، گۇماشتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كارخانىچىلار تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، كاپىتال سىياسىي ساھەگە سىڭىپ كىرىش قاتارلىقلارنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش؛ نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، سىياسىي - قانۇن، ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش قاتارلىق ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغانلارنى، تەلۋىلەرچە ئىش قىلغانلارنى تەكشۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم پەرزەنتلىرىنىڭ جورىسى قاتارلىق تۇغقانلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەسىر كۈچتىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش، خىيانەتچىلىك قىلىش ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارا بېرىش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، پاكلىقنى قەدىرلەيدىغان، چىرىكلىككە قارشى تۇرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئاسماندا تور ھەرىكىتى»نى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، قوغلاپ تۇتۇش، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زاڭ پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىش مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يەتتىنچى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدىغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش سىستېمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رېۋىزىيە ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچ ۋە بايلىقنى بىرىكتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، تەدبىرلەرنى ماسلاشتۇرۇش، نەتىجىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ئۆزئارا جىپسىلاشقان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

سەككىزىنچى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن سىستېمىنى قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت ئۇسۇلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. پاكلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىدىيەسىنى ئۆز قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھادىسىلىرىگە قىلچە يول قويماي، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلارنى قەتئىي يوقىتىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، ئۆزىنى دۇرۇس تۇتىدىغان، ئۆزىنى چىڭ تۇتىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)