شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا باھار بايرىمىلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023-01-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان گۇيماۋ يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا باھار بايرىمىلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە ۋاكالىتەن رۇەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە باھار بايرىمىلىق ئەڭ سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2022 ـ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئۆز تەرەققىياتىدا ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، شۇنداقلا جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋىيېتنام خەلقى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئېلان قىلدى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتتىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىكلەر بىز ھاسىل قىلغان كەڭ ئورتاق تونۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە، ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر يىل باشلاندى، بارلىق شەيئى يېڭىلاندى. 2023 ـ يىلىغا نەزەر سالساق، مەن يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا رول تۇتۇپ يول باشلاشنى خالايمەن. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى يۆنىلىش دەپ قارايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

رۇەن فۇجۇڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر چوڭ ئىش. ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قېرىنداش جۇڭگو خەلقى مۇقەررەركى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان ۋە كەلگۈسى ۋەزىپىلەرنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈرۈش قىلىدۇ.

رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان بىر قاتار ئورتاق تونۇشنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن ۋە ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدۇق ھەم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق. مەن يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپتىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى يەرلىكلەرنىڭ زىيارەت مەزگىلىدە ھاسىل قىلغان كېلىشىم ۋە ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ھەم يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشنى، ئىستراتېگىيەلىك پىلان چىقىرىشنى خالايمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تىلەكداشمەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن، قېرىنداش جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى يىلدا بەختلىك، تىنچ ـ ئامان بولۇشىغا تىلەكداشمەن!