ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2023-01-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

«جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي - قانۇن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت، بۇرچنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

«جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، يولداشلارنىڭ ئىرادىدىن قايتمايدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى.