شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، چېن شۈ) 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: موڭغۇلىيە دۆلىتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى تەبىئىي ھەمراھ، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سودا ـ مەبلەغ سېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ «يايلاق يولى» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان جۇغراپىيەلىك شارائىتىغا تايىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىللىق، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلگىرىكىدەكلا ياردەم بېرىپ، ئالاقىدار پورت قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى ئاچىدۇ. جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلدى، جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ «1 مىليارد تۈپ كۆچەت تىكىش» پىلانىنى داۋاملىق قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە ـ رۇسىيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.
كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ نەتىجىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى باش فاڭجېن قىلىدۇ. كېلەر يىلى موڭغۇلىيە ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، قېزىلما بايلىق ـ ئېنېرگىيە، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ موڭغۇلىيە ـ جۇڭگو ـ رۇسىيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىقلاردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ كې، لىن مياۋمياۋ) 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كونگو (بىراززاۋىل) «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتناشقۇچى تەرەپ ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھىمىز. ئىككى تەرەپ تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق ـ سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ـ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، دوستانە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كونگو (بىراززاۋىل) دۆلەت 1 ـ نومۇرلۇق تاشيولى قاتارلىق تۈرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويدى، بۇنى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو ـ كونگو ھەقىقىي دوست، ياخشى ھەمراھ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، كونگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگو ـ كونگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاش جۇڭگو ـ كونگو مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىدىكى ئەڭگۈشتەر. كونگو تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپ كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوغدىشىنى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشىنى، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىنى قوللايدۇ، كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، كونگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ساسسۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ قۇرۇلۇش بولۇپ، دۇنيانى يېپيېڭى سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلىدى. 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى كونگو (بىراززاۋىل) قاتارلىق قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق تۆھپە قوشقۇچى، كونگو تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، كونگو ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كونگو تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلاردا ئالاقىلىشىش ـ ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كونگو تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى پائال قوللايدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇھىم تەشەببۇسلارنىڭ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، شيا كې) 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تۈركمەنىستاننىڭ مىللىي داھىيسى، خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تۈركمەنىستاننىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ۋە ھەمراھى. بۇ يىل 1 ـ ئايدا، مەن زۇڭتۇڭ سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ قاتلىمىدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى جاكارلىغانىدۇق. جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا قوللاش جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى باشتىن ـ ئاخىر كۈچلۈك قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بىز تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى داۋاملىق قوللايمىز. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنى يېڭى دەۋردىكى «بەخت يولى»غا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش ـ سەھىيە، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتىنى ئۆزئارا ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تۈركمەنىستاندا بالدۇرراق لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگو _ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.
بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق بىلدۈردى: تۈركمەنىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت قويۇق ئىناق قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. قەدىمىي يىپەك يولى تۈركمەنىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى زىچ باغلاپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈن، تۈركمەنىستان «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش»نى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەم رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كەلگۈسى ھەمكارلىققا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپ دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو _ ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپ مېخانىزمى ئىچىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تۈركمەنىستان ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى ھەم رايوننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى قاتارلىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.
سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، جاڭ شياۋ) 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىسىر يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلىتى، جۇڭگو ـ مىسىر مەقسەت ـ نىشانى بىردەك بولغان، بىر ـ بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، شۇنداقلا قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ياخشى ھەمراھ. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ مىسىر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسى ئىچىدە قالتىس ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ مىسىرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، مىسىرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مىسىرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو ـ ئافرىقا رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ سۇپىلىرىدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، رايون ۋە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشۇشنى خالايدۇ.
مادبۇلى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. مىسىر تەرەپ جۇڭگونى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان مىسىرغا قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مىسىرنىڭ تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، مىسىرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. مىسىر تەرەپ مىسىر ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مىسىر تەرەپ بۇنى سىياسەت مەدىتى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ مىسىرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قاتنىشىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ، ئادىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ ھازىرقى پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى چۈشەندۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى جىددىي ئىش ئۇرۇشنى تېزدىن توختىتىش، توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىشىدىن، ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش. پەلەستىن، ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تەكرارلىنىپ كېتىشىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ، پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ تىنچ بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. جۇڭگو تەرەپ مىسىرنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتا ئوينىغان مۇھىم رولىنى ئالقىشلايدۇ، مىسىرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، مىسىر ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مادبۇلى مۇنداق بىلدۈردى: مىسىر ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى ئادىل مەيداندا ئىزچىل چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھازىرقى كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، جى نىڭ) 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ مانەي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، چوڭ دۆلەت بىلەن كىچىك دۆلەتنىڭ ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ھەر ئىككىلىسى دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ جانجىگەر دوستلۇقى يىمىرىلمەيدۇ. ئىككى تەرەپ دائىم بېرىش ـ كېلىش قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش كامبودژاغا ئەمەلىي تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى كامبودژانىڭ «بەش بۇرجەكلىك ئىستراتېگىيەسى» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ كامبودژا «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى»نى ياخشى بەرپا قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ ئاسار ئەتىقىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تۈرلىرىنى قوللايدۇ، كامبودژانىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگولۇق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كامبودژاغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە 2024 ـ يىلىنى «جۇڭگو ـ كامبودژا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىشنى جاكارلاشنى خالايمەن.
خۇڭ مانەي مۇنداق بىلدۈردى: تۈنۈگۈن مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدىم، شى جۇشىنىڭ سۆزى ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكنى نامايان قىلدى، ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئەمەلىي تەدبىرلەر مۇقەررەر ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كامبودژا تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ۋە ئۇنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژا تەرەپنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. كامبودژا تەرەپ جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستلۇق سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللايدۇ، كامبودژا ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى» ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، كامبودژا ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگولۇق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ كامبودژاغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى مۇھىم پۇرسەت ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، كامبودژا تەرەپ بۇنى پائال قوللايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ كې، لو شىن) 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ھەم رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تايلاند زۇڭلىسى سەيتا بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭلى سەيتانىڭ جۇڭگونى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سىرتىدىكى تۇنجى رەسمىي زىيارەتكە چىققان دۆلەت قىلىشى تايلاند يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ـ تايلاند مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو ـ تايلاند چېگراداش قوشنا، جۇڭگو ـ تايلاند دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بۇلتۇر 11 ـ ئايدا تايلاندتا قىلغان زىيارىتىمنىڭ نەتىجىسىنىڭ پائال، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، «جۇڭگو ـ تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى»دىن بولۇشقا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئەۋزەللىكىنى ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تايلاندنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو ـ تايلاند «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، جۇڭگو ـ تايلاند تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تېلېگراف ئالدامچىلىقى، توردا قىمار ئويناش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ ـ مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ چوڭ بازىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتا ئۆزگىرىش ياساشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
سەيتا مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى ھەمدە 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىگە ۋە جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى خالايمەن. تايلاند تەرەپ بۇلتۇر 11 ـ ئايدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تايلاندتىكى زىيارىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تايلاند ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىدۇ. تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. تايلاند تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تايلاند ـ جۇڭگو تۆمۈريولىنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو ـ لائوس ـ تايلاندنى تۇتاشتۇرۇش تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تايلاند تەرەپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تايلاندتىكى بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تايلاندقا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تايلاندقا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن تايلاند پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتىنىڭ قوشما ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى.
سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ كې، جى نىڭ) 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن موزامبىك زۇڭلىسى مالېئانى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ موزامبىك بوران ـ چاپقۇنلاردا بىللە بولغان، باشقا كۈن چۈشكەندە بىللە بولغان ھەقىقىي دوست، ھەقىقىي قېرىنداش. مەن خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۈمكى، جۇڭگو ـ موزامبىك «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ موزامبىك قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، «ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىشىنى قوللاش تەشەببۇسى»، «جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش پىلانى»، «جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق پىلانى»دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ھەمكارلىق تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپ بىلەن جۇڭگو ـ موزامبىك ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ موزامبىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ موزامبىكنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، يەرلىك، خەلق ئىچى ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مالېئانى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۇ قېتىمقى سەپەر بىزنىڭ جۇڭگو ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يەتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇس باشقا دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىشكە پايدىلىق. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە تاشقى سىياسىتى تىنچلىق، باراۋەرلىك، ھۆرمەت قىلىش ۋە دوستلۇقنى ئاساس قىلغان، ئۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ كۈچ. مەيلى موزامبىك مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان مەزگىلدە بولسۇن، ياكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىكى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە بولسۇن، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر موزامبىك تەرەپنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، موزامبىكنىڭ ھەقىقىي دوستى. موزامبىك تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ كې، چېن شۈ) 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى كاكار بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار ۋە جانجىگەر دوستلار، پاكىستاننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەممىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى پائال قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو ـ پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، پاكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، پاكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ بۇ يىلقى جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ 10 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان، يېڭىلىق يارىتىلغان، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن كارىدورنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «نۇسخا»سىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ باغچە رايونى، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرىدىغان چوڭ تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى ھەم ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، پاكىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاكىستان تەرەپنىڭ پاكىستاندىكى جۇڭگو ئاپپاراتلىرى، خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
كاكار مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى ئىنتايىن چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئىنتايىن يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە. شى جۇشى ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەت دۇنيانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پاكىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى باشقا دۆلەتلەرگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى. پاكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ، بۇ، پاكىستاننىڭ پارتىيە ـ گۇرۇھ ھالقىغان ئورتاق تونۇشى. پاكىستان جۇڭگونىڭ مەڭگۈ ئىشەنچلىك دوستى، ھەرقانداق كۈچنىڭ پاكىستان ـ جۇڭگو دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا مەڭگۈ يول قويمايدۇ، پاكىستان ـ جۇڭگو دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، پاكىستان ـ جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ پاكىستاندىكى بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ كې، جاڭ شياۋ) 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى روسسېف بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2014 ـ يىلى، بىز بىرازىلىيەدە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە ئورتاق گۇۋاھ بولدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. ھازىر، دۇنيادا تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە كىرىزىس گىرەلىشىپ ئۈستىلەندى. يېڭى تەرەققىيات بانكىسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 21 ـ ئەسىردىكى يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ ھەم سىزنىڭ جۇڭگودا ۋەزىپە ئادا قىلىشىڭىزنى مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
روسسېف مۇنداق بىلدۈردى: 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. تارىختا ھېچقانداق بىر تەشەببۇس «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئوخشاش 150 نەچچە دۆلەتنى بۇنداق بىر يەرگە جەم قىلالىغان ئەمەس. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرى يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە يېشىل تەرەققىياتتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. يېڭى تەرەققىيات بانكىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى ئاساسىي مەقسەت ۋە ئىدىيە بىلەن ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.