جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2023-09-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2023 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)

شى جىنپىڭ

خانىملار، ئەپەندىلەر،

يولداشلار، دوستلار:

بۈگۈن بىز خۇشال - خۇرام ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدۇق. 74 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز نامرات ھەم قالاق ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت. بۇ يەردە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارغا ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

يولداشلار، دوستلار!

بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى. بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، قىسمەن رايونلاردىكى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىياتنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق، ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا ئۆرلەپ ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار، خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

يولداشلار، دوستلار!

ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، خەلقئارا مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە نۇرغۇن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىمىز. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى كۈچەپ زورايتىپ، ئىچكى ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ سىجىل كۈچىيىشى، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىشىمىز كېرەك.

بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ داۋاملىق تۈردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

بىز خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چۆرىدەپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ ياردەم قىلىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

بىز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قوللاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك!

بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − خەلقنىڭ ئارزۇسى، دەۋر ئېقىمى، تارىخىي مۇقەررەرلىك، ئۇنى ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.

بىز تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ تۈرلۈك يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك!

يولداشلار، دوستلار!

يېڭى مۇساپىدە، بىزنىڭ ئىستىقبالىمىز ئىنتايىن پارلاق، لېكىن ئايىغىمىز ئاستىدىكى يول كەڭ تۈزلەڭلىك ئەمەس. ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ئىشەنچ ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، داۋاملىق داۋانلاردىن ئېشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك!

ھازىر مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن،

جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، باي - قۇدرەتلىك بولۇشى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشى ئۈچۈن،

جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن،

بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەرقايسى مېھمانلار، ھەرقايسى يولداشلار، ھەرقايسى دوستلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن،

قەدەھ كۆتۈرەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)