شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 10 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى
چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پايدىلىق قانۇنچىللىق شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 10 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئېھتىياجى، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ھازىرقى جىددىي ئىش. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئۈچۈن پايدىلىق قانۇنچىللىق شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك.
ۋۇخەن داشۆنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى يولداش خۇاڭ خۇيكاڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.
شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇن جەمئىيەت تۇرمۇشى، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆلچىمى. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈم دۆلەت قانۇن - تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل نەپ يەتكۈزۈشتەك مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، جەزمەن توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە ئىجادىيەت روھى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ مەقسەت قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلى ئارقىلىق دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، خەلقئارا قانۇنچىللىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش. جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق خىزمىتى چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ھەمتۈرتكىلىكى كۈچلۈك بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، جەزمەن دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە قانۇن مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق خىزمىتىنىڭ كەڭ ماسلىشىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قانۇن چىقىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قانۇن چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن يۈرگۈزۈش، سوت قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن يۈرگۈزۈش ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن مۇلازىمىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارادا 1 - قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم كېسىم ئاپپاراتلىرى، ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونسۇل جەھەتتە قوغداش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قانۇنچىللىق بىخەتەرلىك زەنجىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرى، كارخانىلىرىنى «سىرتقا چىقىش» جەريانىدا شۇ جاينىڭ قانۇن - نىزاملىرى ۋە ئۆرپ - ئادىتىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا، قانۇنچىللىق ۋە قائىدىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا قائىدە تۈزۈشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ياخشى قانۇن ئارقىلىق يەرشارىۋى ياخشى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇنچىللىق ئېچىۋېتىش بىلەن بىللە ئىلگىرىلەيدۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىش بىر قەدەم ئالغا سىلجىتىلسا، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى بىر قەدەم ئەگىشىپ ئىلگىرىلىشى كېرەك. قانۇنچىللىق ئاساسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنىڭ قانۇنچىللىق ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش ئەڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئاشكارا، ئوچۇق بولغان چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى تۈرلۈك قائىدىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ ۋە ئۇنى پائال قوبۇل قىلىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ۋە پىشقان تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا قانۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تىجارەت - سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئەلا، تەسىر كۆرسىتىش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېچىۋېتىش بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودىكى تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت تەدبىرلىرى ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق بىلەن قانۇن ساپاسىنى تەڭ ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىلمى مائارىپىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئەمەلىيەتنى يېتەكچى قىلغان تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، كەسپىي ساپاسى يۇقىرى، خەلقئارا قائىدىلەرنى پىششىق بىلىدىغان، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن ئەمەلىيىتىگە پىششىق بولغان چەت ئەلگە ئالاقىدار بىر تۈركۈم قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى بالدۇرراق يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، زاپاس ساقلاشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار كادىرلار قوشۇنىنىڭ قانۇنچىللىق ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇندىن پايدىلىنىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇنچىللىق ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، تەشەببۇسى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى پائال بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېما تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە سۆز سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىل چوڭ دۆلەت، مەدەنىي چوڭ دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا قانۇن سىستېمىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتى مول قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە چوڭقۇر سىياسىي ئەقىل - پاراسەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكىگە يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.