شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى يەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى

2023-11-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بوشلۇق پونكىتىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سائەت 8دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، نەق مەيداندىكى تېببىي نازارەت ۋە تېببىي كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جىڭ خەيپېڭ، جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋلارنىڭ تېنىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سائەت 7دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى يەر يۈزى ئۆلچەش - تىزگىنلەش پونكىتى ئارقىلىق قايتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئوربىتا بۆلۈمچىسى بىلەن قايتىش بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلغان. ئارقىدىن، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ موتورىغا ئوت يېقىلىپ، قايتىش بۆلۈمچىسى بىلەن ئىتتىرگۈچ بۆلۈمچىسى ئايرىلغان، قايتىش بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغاندىن كېيىن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتى نىشاننى ۋاقتىدا بايقىغان ھەم قونۇش نەق مەيدانىغا يېتىپ بارغان.

2023 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شېنجوۋ 16 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن بوشلۇققا قويۇپ بېرىلدى، ئارقىدىن تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى بىلەن تۇتىشىپ بىرىكمە گەۋدە شەكىللەندۈردى. بوشلۇق پونكىتىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئوربىتىدا 154 كۈن تۇردى، بۇ مەزگىلدە بىر قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىش ۋە جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا 4 - قېتىملىق ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتۈش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا كۆپ قېتىم يۈكنى بۆلۈمچىدىن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ماسلىشىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ۋەزىپىسىنىڭ دائىملىق يولغا قويۇلۇشىغا ئاساس سالدى.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپە دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى بوشلۇق پونكىتىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ۋە يەر يۈزىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ زىچ ماسلىشىشىدا ئادەم ئامىلى قۇرۇلۇشى، ئالەم قاتنىشى تېببىي ئىلمى، ھاياتلىق ئېكولوگىيەسى، بىيوتېخنىكا، ماتېرىيال ئىلمى، ئاقار جىسىم فىزىكىسى، ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك بوشلۇق ئىلمى تەجرىبىسى(سىنىقى) قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالەم بوشلۇقى ھاياتلىق ئىلمى ۋە ئادەم بەدىنى تەتقىقاتى، مىكرو ئېغىرلىق كۈچى فىزىكىسى ۋە ئالەم بوشلۇقى يېڭى تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇشتىن پايدىلىنىشقا، مەبلەغ سېلىشتىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگىرىشتەك مۇھىم بىر قەدەم تاشلاندى. (مۇخبىرلار لى گولى، ليۇ يى، خۇاڭ يىچېن)