جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا نامزات كۆرسىتىش - باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى

2024-03-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا نامزات كۆرسىتىش - باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش»دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىنى باھالاش - تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بىر تۈركۈم تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەشنى قارار قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا نامزات كۆرسىتىش، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلاش، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا نامزات كۆرسىتىش دائىرىسى ۋە شەرتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەر بىردەك نامزاتلىققا كۆرسىتىلسە بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋاپات بولغانلارغا تولۇقلاپ نام بېرىلسە بولىدۇ. «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى داۋامىدا، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان زور تۆھپە قوشقان، ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن، يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلەتلىك، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلار بولۇشى كېرەك. «دوستلۇق ئوردېنى»غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مەزگىل دوستانە ئۆتكەن، ياخشى ئابرۇيغا ئىگە چەت ئەللىكلەر بولۇشى كېرەك. دۆلەت شەرىپى نامىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر ئىقتىساد، جەمئىيەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان زور تۆھپە قوشقان، يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە، يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلەتلىك، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلار بولۇشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا نامزات كۆرسىتىش، باھالاش تەرتىپى ۋە خىزمەت تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىلغارلىقى، ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە دەۋر خاراكتېرىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىزچىل ئىپادىسىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ، سىياسىي ئۆتكەل، پاكلىق ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي تۆھپىسىنى مۇھىم باھالاش ئۆلچىمى قىلىپ، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش كېرەك.