«20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» قاراپ چىقىلدى

2024-04-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەزنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك كۆزىتىشىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قانات يايدۇرۇپ، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنى تولۇق قاپلاشنى تاماملىدى. كۆزىتىشتىن قارىغاندا، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار ۋە ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئەمما يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان، بۇنىڭغا سىياسىي جەھەتتىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسكىن، ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ھەممە ئىشنى ھەل قىلىش، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئىشلارنى چىڭ قادىلىپ قويۇۋەتمەي، بىرمۇبىر ھېساباتقا سېلىشتۇرۇپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، تۈزىتىش - مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئەپلەپ - سەپلەپ تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىشكە قارىتا جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت - بۇرچنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»نى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىشتە بايقالغان ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، تۈزۈم - مېخانىزمنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.