​جەزمەن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

2024-04-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

     «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ​

جەزمەن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جەزمەن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2023 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى، بىزنىڭ پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈپ ئاساسىمىز. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى دەل جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاشتا، خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلاش كېرەك. خەلقنىڭ مەيدانى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيەنىڭ خەلق مەنپەئىتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، خەلق بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا خەلق ھەل قىلغۇچ كۈچ. جەزمەن ئومۇمىي خەلق ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلققە زىچ تايىنىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇشىمىز، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىشىمىز كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.