خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

2024-07-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ خۇنەننىڭ يۆياڭ شەھىرى خۇارۇڭ ناھىيەسى تۇەنجوۋيۈەن دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ بىرىنچى سەپ توسمىسىدا يار ئېلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇنەننىڭ يۆياڭ شەھىرى خۇارۇڭ ناھىيەسى تۇەنجوۋ يېزىسى تۇەنبېي كەنتى تۇەنجوۋيۈەن دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ بىرىنچى سەپ توسمىسىدا يار ئېلىپ كېتىپ، توسما رايونىنى سۇ بېسىپ كەتتى، شۇ جايدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر يۆتكەلدى.

خەتەرلىك ئەھۋال يۈزبەرگەندىن كېيىن، چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى: خۇنەننىڭ يۆياڭ شەھىرى خۇارۇڭ ناھىيەسى تۈەنجوۋيۈەن دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ بىرىنچى سەپ توسمىسىدا يار ئېلىپ كەتتى، تەھدىتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىرگەندىن بۇيان، بىر قىسىم جايلاردا يامغۇر مىقدارى كۆپ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى، بولۇپمۇ توسمىنىڭ سۇنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچراش ۋاقىت بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا سۇ تېشىپ كېتىش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، بىرقەدەر چوڭ خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت بولىدۇ. ئالاقىدار يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كۈچ تەشكىللەپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، توسمىلارنى چارلاپ خەتەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك ئەھۋالنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەم بىرىنچى ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەتەرلىك ئەھۋال تەرەققىياتىنى كونترول قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامبار، توسمىلارنى مۇداپىئە قىلىش بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى نەق مەيدانغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ يېتەكچىلىك قىلدى. خۇنەن ئۆلكىلىك، يۆياڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە قوماندانلىق قىلماقتا. نۆۋەتتە، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.