جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى

2024-07-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2024 - يىل 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 - ئومۇمىي يىغىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، تۆۋەندىكىچە قارار چىقاردى.

1. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپى

(1) يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش − پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى داغدام قەدەملەر بىلەن دەۋرگە يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىنى باشلاپ بەردى. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىمۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك جەھەتتىن لايىھەلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىدىيەۋى قاراش ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىسلاھاتنىڭ قىيىن مەزگىلىگە يۈرۈش قىلىشقا، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئۇللۇق تۈزۈم رامكىسىنى ئاساسەن بەرپا قىلىپ، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق قايتا قۇرۇش، بىر پۈتۈن قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملاپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈش ۋە تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش نىشانىغا يېتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ كەلدى، يەنە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش داۋامىدا پارلاق ئىستىقبال قۇچىدۇ. چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت، يېڭى نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇ - ئارمانلىرى ئالدىدا، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىش زۆرۈر. بۇ − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. پۈتۈن پارتىيە ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى شەرت.

(2) يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى. ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ ۋە ئاشۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش نەزەردە تۇتۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلامچى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ، دۆلەت ئىدارە قىلىش بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

(3) يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2035 - يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك.

− يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

− پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نىشانلاپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ تاكامۇللىشىشى، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق، تۈزۈملۈك راۋاجلىنىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش كېرەك.

− سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، ماركسىزم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈپ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

− خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، كىرىم تەقسىماتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە قولايلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ روشەن ئەمەلىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش كېرەك.

− گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى نىشانلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

− تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرگەۋدىلەشكەن دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ۋە ئۇسۇللىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلىش كېرەك.

− پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

2029 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 80 يىل بولغاندا، مەزكۇر قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش كېرەك.

(4) يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپلىرى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىسلاھات داۋامىدا خەلقنىڭ مۇراجىئىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسلاھاتتا خەلقنى كۆزلەش، ئىسلاھاتتا خەلققە تايىنىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا لايىقلىشىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا ھەرقايسى تەرەپلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى يېڭى پەللىدىن ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئورنىتىش بىلەن بىكار قىلىشنى تەڭ تۇتۇش، يېڭىسىنى ئورنىتىپ بولۇپ كونىسىنى بىكار قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈپ تۈزۈملەرنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم تۈزۈملەردە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ ئىسلاھاتلارنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا قانۇن - تۈزۈم يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈش كېرەك؛ سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

2. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش

يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان بازار مۇھىتى يارىتىپ، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە، پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىگە يەتكۈزۈپ، «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش» بىلەن «تىزگىنلەپ تۇرۇش»نى تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، بازارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تولۇقلاپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش شەرت.

(5) «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە تەۋرەنمەي رىغبەتلەندۈرۈپ، قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن باراۋەر پايدىلىنىشى، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشى، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

دۆلەت كاپىتالى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ياخشىلاپ ۋە زورايتىپ، يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى يەنىمۇ ئېنىق بېكىتىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپلىرىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش ساھەسى ۋە يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ھالقىلىق ساھەلەرگە، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قاتارلىق ساھەلەرگە، ئالدىن كۆرەر، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. دۆلەت كاپىتالى سېلىنما، تىجارەت شىركىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى تۈرلەر بويىچە سىناش، باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ھېسابلاشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ئېنېرگىيە، تۆمۈريول، تېلېگراف، سۇچىلىق، ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرىدا مۇستەقىل تىجارەت قىلىش ۋە رىقابەتلىك ھالقىلىرىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان فاڭجېن، سىياسەتلەردە چىڭ تۇرۇش لازىم. پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى چىقىرىش كېرەك. بازار ئىجازىتى توسۇقلىرىنى چوڭقۇرلاپ بىكار قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەگە دائىر رىقابەتلىك ساھەلەرنى تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ئاشكارا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشتۇرۇشقا دائىر ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىقتىدارى يېتىدىغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرىنى پۇقراۋى كارخانىلارغا يەنىمۇ ئېچىۋېتىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايدىغان سىياسەت، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لازىم. كارخانىغا چېتىشلىق ھەقنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى تولۇق قايتۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يار - يۆلەك بولۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇنلىشىش قۇرۇلۇشىنى ۋە پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي تەكشۈرۈشلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم.

جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ بايلىق ئامىلىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يار - يۆلەك بولۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيادا 1 - قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

(6) مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش. بازارنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرى بىلەن قائىدىلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ ئادىل ۋە بىردەك بولۇشى، بازار ئەسلىھەلىرىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك تۇتىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈشكە قارىتىلغان قاتتىق چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىپ، مونوپولغا قارشى تۇرۇش ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى ئېنىقلاپ بىكار قىلىش لازىم. جايلارنىڭ سودىگەر چاقىرىشى، مەبلەغ جەلپ قىلىشىغا دائىر قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش ۋە ھۆكۈمەت، كەسپىي ئورۇن، دۆلەت كارخانىلىرى بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تۈرلەرنى پۈتۈن جەريانلىق ئاشكارا باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. بازارنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتلىك ئۆلچەم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەرلىك ئۆلچەملەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

ئامىل بازىرىنىڭ تۈزۈمى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ راۋان يۆتكىلىشى، تۈرلۈك بايلىقلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى، بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تولۇق قوزغىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر - يېزا بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرى بەرپا قىلىش لازىم. كاپىتال بازىرىنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسىي تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرگەۋدىلەشكەن تېخنىكا ۋە سانلىق مەلۇمات بازىرى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئامىل باھاسىنى ئاساسلىقى بازاردىكى تەمىنات - تەلەپ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھانىڭ شەكىللىنىشىگە نامۇۋاپىق ئارىلىشىشىنى توسۇش كېرەك. ئەمگەك، كاپىتال، يەر، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ تۆھپىسىنى بازار ئارقىلىق باھالاش، تۆھپىسىگە قاراپ ھەق بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. سۇ، ئېنېرگىيە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاھالە پەلەمپەيسىمان سۇ باھاسى، توك باھاسى، گاز باھاسى تۈزۈملىرىنى ياخشىلاپ، تەييار ماي باھاسىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئوبوروت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەرسە تورىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، بىر گەۋدە بولۇپ جىپسىلاشقان ئوبوروت قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى بەرپا قىلىپ، نېفىت - گاز تورۇبا تورىنى يۈرۈشتۈرۈش، تەڭشەش مېخانىزمىنى ياخشىلاش كېرەك.

مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئۇللۇق، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك خاراكتېرىدىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئارقىلىق قوللايدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي سېلىنمىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە سېلىنمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار يېتەكچىلىكىدە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئىچكى ئامىللىق ئاشۇرۇش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئازايتىپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادىنى پائال ئالغا سىلجىتىش لازىم.

(7) بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر، ئۇزاققىچە قوغداپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزۈلمە ئورنىتىش كېرەك. بازار ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا مەخپىيىتىنى قوغداش تۈزۈمى بەرپا قىلىش لازىم. تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئوخشاش مەسئۇلىيەت، ئوخشاش جىنايەتكە ئوخشاش جازا بېرىشنى يولغا قويۇپ، جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ۋاسىتە، جىنايى ئىشلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ماجىراغا ئارىلىشىشنى توسۇپ ۋە تۈزىتىپ، كارخانىغا چېتىشلىق ناھەق، خاتا دېلولارنى قانۇن بويىچە پەرقلەندۈرۈش ۋە تۈزىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەرنىڭ بازار ئىجازىتى مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. رويخەتكە ئېلىنىدىغان كاپىتالنى ئېتىراپ قىلغىنى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە قەرەلىدە ئېتىراپ قىلىشنى يولغا قويۇش لازىم. كارخانا ۋەيران بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەخسلەر ۋەيران بولۇش تۈزۈمى ئورنىتىش ھەققىدە ئىزدىنىپ، كارخانىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش يانداش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىنى بازاردىن چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

3. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. ئىسلاھاتقا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان رىغبەت - چەكلىمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش شەرت.

(8) يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش. تېخنىكىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئىجادىي جايلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەكچىلەر، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى، ئەمگەك ئوبيېكتىنى سەرخىل بىرىكتۈرۈش ۋە يېڭىلاپ يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەتنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولى تۈزۈملىرى تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، كېلەچەك كەسىپلىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقىل، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، سەرخىل جابدۇق، بىيوتېببىي دورا، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ياخشىلاپ يۈكسەلدۈرۈشكە دۆلەتلىك ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى رەقەم تېخنىكىسى، ئاقىل تېخنىكا، يېشىل تېخنىكا ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ يۈكسەلدۈرۈشىگە يار - يۆلەك بولۇش لازىم. مۇھىت ئاسراش، خەۋپسىزلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈم چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئالاقىدار قائىدە ۋە سىياسەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تېخىمۇ لايىقلاشقان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش لازىم. پەرىشتە سېلىنمىسى، تەۋەككۈل سېلىنما، خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى سېلىنمىسىغا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى قېلىپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى فوندىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تاقەتلىك كاپىتالنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

(9) ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ سەرخىل، ئاقىل، يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. بىر تۈركۈم ساھە ئورتاق تېخنىكا سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، كەسىپ ئەندىزىسى ۋە كارخانا تەشكىلىي شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى يۈكسەلدۈرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مۇھىم كەسىپ فوندلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ياسىمىچىلىقنى مۇۋاپىق نىسبەتتە ساقلايدىغان سېلىنما مېخانىزمى ئورنىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال تەننەرخى ۋە باج - ھەق يۈكىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىش كېرەك.

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن زەنجىر بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، سانائەت ئالاقە تورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپ توپى بەرپا قىلىش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنى دائىملىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ ۋە يۈرۈشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتنى ئورتاقلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سانلىق مەلۇماتنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىش، بازاردا سودىلىشىش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تەقسىملەش، پايدىسىنى قوغداش تۈزۈملىرىنى تېزدىن ئورنىتىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتنى چېگرا ھالقىپ يۆتكەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، بىخەتەر مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك.

(10) مۇلازىمەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتچىلىك ھېساباتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ھالقىلارنى نىشانلىغان ھالدا ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ساھەلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئالاقە تورى سۇپىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىشتىكى مەمۇرىي توسۇقلارنى تۈگىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ سەمىمىي بولۇپ لەۋزىدە تۇرۇشى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(11) زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلانى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەردىن يۇغۇرۇپ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىپ رەقەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆمۈريول تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ۋە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەقلىق تاشيولغا دائىر سىياسەتلەرنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. سۇ تىرانسپورتى سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتىلاش ئىقتىدارى ۋە دۇنياۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز ئىشلىرىغا كېسىم قىلىش تۈزۈم - قائىدىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چوڭ - چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

(12) كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. مۇستەقىل، تىزگىنلىنىشچان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى چىڭ تۇتۇپ بەرپا قىلىپ، توپلاشما توك يولى، سانائەت ئانا ماشىنىسى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئەسۋاب - ئاپپارات، ئۇللۇق يۇمشاق ماتېرىيال، سانائەت يۇمشاق ماتېرىيالى، ئىلغار ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى قوللىنىشنى تولۇق زەنجىرلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. كەسىپلەرنى دۆلەت ئىچىدە پەلەمپەيسىمان تەرتىپلىك يۆتكەيدىغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۆتكەپ چىقىلغان جاي بىلەن قوبۇل قىلغان جاينىڭ مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. دۆلەتلىك ئىستراتېگىيەلىك كىندىك رايون ۋە ئاچقۇچلۇق كەسىپ زاپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە جىپسىلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

4. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئورنىتىش

مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش شەرت.

(13) مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئەخلاق ئارقىلىق تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش - تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپ باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالىي مائارىپنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا 1 - قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە ئەۋزەل پەنلەرنى تېزدىن بەرپا قىلىش لازىم. ئالىي مەكتەپ ئىسلاھاتىنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى يېتەكچى قىلىنغان پەن تەسىس قىلىش، تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئورنىتىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان پەن، كەسىپلەرنى پەۋقۇلئاددە ئۇسۇلدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇل پەن، يېڭى پەن، كىرىشمە پەن قۇرۇلۇشلىرىنى ۋە سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈشنى تىرىشىپ كۈچەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. پەن - تېخنىكا مائارىپى بىلەن ئادىمىيەت مائارىپىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىش - ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. مائارىپنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، چەت ئەلدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆلىرىنىڭ جۇڭگودا ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

مائارىپ بايلىقىنىڭ رايونلارغا تەقسىملىنىشىنى ياخشىلاپ، نوپۇس ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشقان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى سۈپەتلىك، باراۋەر ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقسىز مائارىپ دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. يەسلى مائارىپى ۋە ئالاھىدە مائارىپ، مەخسۇس مائارىپقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپنىڭ رەقەملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا قۇۋۋەت بېغىشلاپ، ئۆمۈرلۈك مائارىپ كاپالىتىنى كۈچەيتىش لازىم.

(14) پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەشكىللەش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچلىرى، ئامىل تەقسىماتى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ سىستېمىلىشىشى، ئىشتاتلىشىشى، ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتلىك تەجرىبىخانا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتچىل داشۆ، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، مەركەز ئورۇنلىرى بىلەن جايلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قېلىپلىق راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆلەملىك بازىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچلىرىنى تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئاساسىي شارائىتىغا مۇستەقىل كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم. پەن - تېخنىكا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگودا خەلقئارا پەن - تېخنىكا تەشكىلاتى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، پەن - تېخنىكا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تاشقى كەسپىي ئالاقە - ھەمكارلىقىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

پەن - تېخنىكا پىلانىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، ئۇل تەتقىقات ساھەسى، ئالدىنقى قاتاردىكى كىرىشمە ساھە، نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك جايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەشكىللىك ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا چىقىمىنىڭ ئۇل تەتقىقاتقا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، رىقابەتلىك قوللاش بىلەن مۇقىم قوللاش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار، كارخانىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئۇل تەتقىقاتنى قوللاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى قوللاپ، خەۋپ - خەتىرى كۆپ، قىممىتى يۇقىرى ئۇل تەتقىقات تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئەخلاقىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئىلىم ساھەسىدىكى ناتوغرا قىلمىشلارنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىش كېرەك.

كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ كارخانا يېتەكچىلىكىدە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش تەييارلىق فوندى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەتلىك پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىشى ياكى قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. كەسپىي، سەرخىل، ئۆزگىچە، ئىجادچان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش لازىم. ئوتتۇرا، كىچىك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، تەتقىقات خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنى ئۆزىنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پايدىلىنىپ بولۇپ ھەق تۆلەش ئۇسۇلىدا ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن - تېخنىكا خىراجىتىنى تەقسىملەش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن - تېخنىكا پىلانىنى ئىجرا قىلىش ۋە كەسپىي ئاپپارات باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مالىيەنىڭ پەن تەتقىقات تۈرى خىراجىتىنى «ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمى»نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئالىملارغا تېخنىكا لۇشيەنى بەلگىلەش ھوقۇقى، خىراجەت باشقۇرۇش ھوقۇقى، بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپ بېرىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تەۋسىيە قىلغان ئورتاق تونۇشسىز تۈرلەرنى تاللاش مېخانىزمى ئورنىتىش لازىم. پەن تەتقىقات تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئادەتتىكى كەسپىي ئورۇنلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، كارخانىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تېخنىكا يۆتكەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم ئۇقۇملۇق دەلىللەش، ئارىلىق سىناق ئارقىلىق دەلىللەش سۇپىلىرىنى تېزدىن جايلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، تۇنجى سۇپا (يۈرۈش)، تۇنجى تۈركۈم، تۇنجى نەشرىنى قوللىنىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى بىرتۇتاش سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىش لازىم. تېخنىكا باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پايدىسىنى تەقسىم قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىسى مۈلكىنى ئايرىم باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ھوقۇق بېرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. شارائىتى يار بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنى يېتەكچى قىلغان ھالدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئارىسىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئۇيغۇنلاشقان پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كاپىتالنىڭ دەسلەپكى نەتىجىگە مەبلەغ سېلىشى، يېڭى كىچىك كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشى، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشى، قالتىس تېخنىكىلارغا مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چوڭ - چوڭ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپ - خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا سۇغۇرتىسى سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. تاشقى مەبلەغنىڭ جۇڭگودا پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشى، تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش كېرەك.

(15) ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى ۋە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش - توپلاش سۇپىلىرىنى تېز قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار، 1 - قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا باشلامچىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، داڭلىق ئىنژېنېرلار، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 1 - قاتاردا تۇرىدىغان سانائەت تېخنىك ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇش لازىم. ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ رايونلارغا مۇۋاپىق جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ياش ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، تاللاش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياش پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەمىناتىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش لازىم. پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتقا ھوقۇق بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى چۈشەكتىن بوشىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپەت، ئەمەلىي ئۈنۈم، تۆھپە يېتەكچى قىلىنغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. چەت ئەلدىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى قوللاش - كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش لازىم. يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار كۆچمەن تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

5. ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

ئىلمىي ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە ھۆكۈمەت ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش − سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ماكرو سىياسەت يۆنىلىشى بىلەن بىردەكلىكىنى ئاشۇرۇش شەرت.

(16) دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە، يىرىك پىلان سىستېمىسى ۋە سىياسەتنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. دۆلەتلىك ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، دۆلەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتلىك ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ماكرولۇق يېتەكلەش، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يىرىك پىلانلارنى جىپسىلاشتۇرۇش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ئىستراتېگىيەلەرنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنىڭ ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە رايون يىرىك پىلانلىرىنىڭ يولغا قويۇشقا تىرەك بولۇش رولىنى كۈچەيتىش لازىم. مۇتەخەسسىسلەرنى ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

دۆلەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا مالىيە، پۇل، كەسىپ، باھا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنىڭ تەڭ كۈچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك كۆپەيمە بايلىقنى تەقسىملەش ۋە ساقلانما بايلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەتلىك ماكرو مۈلۈك - قەرز جەدۋىلى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە غەيرىي ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ماكرو سىياسەت يۆنىلىشى بىلەن بىردەكلىكىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. كۆزلىمىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىستاتىستىكا كۆرسەتكۈچلىرىنى ھېسابلاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى ئىقتىساد، يېڭى ساھەلەرنى ئىستاتىستىكا دائىرىسىگە تولۇق كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپىي پائالىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باش ئىشتاب ۋە شۆبە ئاپپاراتلارنىڭ ئىستاتىستىكا چارىسىنى ياخشىلاپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان جايدا ئىستاتىستىكىلاشنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ماكرو سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

(17) مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. خامچوت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مالىيە بايلىقى ۋە خامچوتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ھوقۇق، ھۆكۈمەت ئىناۋىتى، دۆلەت بايلىقى مۈلكىگە تايىنىپ ئېرىشكەن كىرىمنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوت ۋە ئۈنۈم باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىش لازىم. خامچوت تۈزۈش ۋە مالىيە سىياسىتىگە ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشتىن بۇرۇنقى ئىقتىدار باھالاشنى كۈچەيتىش لازىم. نۆللۈك خامچوت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. خامچوت تەقسىماتى ھوقۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خامچوت باشقۇرۇشنىڭ بىردەكلىكى ۋە قېلىپلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، خامچوتنى ئاشكارىلاش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ھوقۇق - جاۋابكارلىق پەيدا بولۇش تۈزۈمى ئاساسىدىكى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال مالىيە دوكلاتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە بازارنىڭ بىرلىكىگە پايدىلىق باج تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى كەسىپ ھالىتىگە ئۇيغۇنلاشقان باج تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىش لازىم. باجنى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىۋاسىتە باج سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت تاپاۋىتى، كاپىتال تاپاۋىتى، مال - مۈلۈك تاپاۋىتىگە دائىر باج سىياسەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمگەك تاپاۋىتىدىن بىرتۇتاش باج ئېلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. باج ئېلىش - باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق، مالىيە كۈچى ماس، رايونلار ئارا تەڭپۇڭ بولغان مەركەز مالىيەسى - يەرلىك مالىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك. جايلارنىڭ مۇستەقىل مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىك باج مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، جايلارنىڭ باج باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش لازىم. مالىيە يۆتكىمە چىقىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمنى ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنى كۆپەيتىپ، شەھەر، ناھىيە مالىيە كۈچىنىڭ ئىش ھوقۇقىغا لايىقلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىش لازىم. ئىستېمال بېجى ئېلىش ھالقىسىنى كەينىگە سۈرۈش ۋە پۇختا قەدەم بىلەن جايلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قوشۇلما قىممەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ قايتۇرۇش سىياسىتى ۋە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمبەھرىلىك باجدىن بەھرىمەن بولۇش نىسبىتىنى ياخشىلاش كېرەك. شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى، مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسى، يەرلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسىنى يەرلىك قوشۇمچە باج قىلىپ بىرلەشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ، جايلارغا كونكرېت قوللىنىدىغان باج نىسبىتىنى مۇئەييەن دائىرىدە ئۆز ئالدىغا بېكىتىش ھوقۇقى بېرىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنىڭ قوللاش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، دەسمايە قىلىنىش ساھەسى، كۆلىمى، نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش لازىم. ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يەرلىك قەرزنى كۆزىتىش - نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە يوشۇرۇن قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، جايلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك. باجدىن باشقا كىرىمنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قىسمەن باجدىن باشقا كىرىمنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پەرقلىق باشقۇرۇشىغا بېرىش كېرەك.

مەركەزنىڭ ئىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ چىقىم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەز مالىيەسىنىڭ ئىش ھوقۇقىنى پىرىنسىپ جەھەتتە مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلارنىڭ ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈشىگە ھاۋالە قىلىدىغان مەركەز مالىيەسى ئىش ھوقۇقىنى ئازايتىش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا جايلاردىن يانداش مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئىش ھوقۇقىنى جايلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ھاۋالە قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.

(18) پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. مەركىزىي بانكا تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل سىياسىتى ئۆتمە مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە، كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيە، نۇقتىلىق ساھە، ئاجىز ھالقىلارغا سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورنى ۋە ئىدارە قىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىدىغان رىغبەت - چەكلىمە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. كۆپ مەنبەلىك پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق زايوم بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش لازىم.

كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىشىنى قوللاش لازىم. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە بازاردىن چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش لازىم. چوڭ پايچىلار، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش - چەك قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پايدا تەقسىماتى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. رايونلۇق پاي ھوقۇقى بازارلىرىنىڭ قائىدىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پۇل مۇئامىلە قانۇنى چىقىرىش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە بارلىق پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تىزىملاش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، راسچوت قىلىش، ھېسابات ئېنىقلاش قائىدە - تۈزۈملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنى بالدۇر تۈزىتىدىغان قاتتىق چەكلىمىلىك تۈزۈم ئورنىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى كاپالەت سىستېمىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنى قوغداش ۋە قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سانائەت كاپىتالى ۋە پۇل مۇئامىلە كاپىتالى «مۇداپىئە تېمى» بەرپا قىلىش لازىم. پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق پۇلى تاشقىرغاق بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. رەقەملىك خەلق پۇلىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە قوللىنىشنى سالماق ئالغا سىلجىتىش لازىم. شاڭخەي خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن تاشقى مەبلەغ ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە كەسپىگە قاتناشتۇرۇش سىنىقىنى قوللاش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا كېڭەيتىپ، لاياقەتلىك چېگرا سىرتى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. مۇستەقىل، تىزگىنلىنىشچان چېگرا ھالقىغان چىقىم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتىكى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن ئومۇمىي تاشقى قەرزنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم. خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش كېرەك.

(19) رايونلار ماس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، ئوتتۇرا رايوننىڭ تېز يۈكسىلىشىگە، شەرقىي رايوننىڭ زامانىۋىلىشىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈم ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قاتارلىق رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى راۋاجلاندۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش لازىم. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زېمىن بوشلۇقىنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك. رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

6. شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر - يېزىلارنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئىدارە قىلىشنىڭ يۇغۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا پەرقىنى كىچىكلىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت.

(20) يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، ئاھالىنىڭ توپلىنىشى، شەھەر - بازارلارنىڭ راۋاجلىنىشىنى ياخشى ھەمتۈرتكە قىلىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىش لازىم. دائىم تۇرۇشلۇق جاي نوپۇسقا ئېلىپ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شەرتكە توشىدىغان يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، تۇرالغۇ كاپالىتى، بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆچۈپ بارغان جاينىڭ نوپۇستىكى ئاھالىسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. شەھەر نوپۇسىغا ئۆتكەن دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق يەر ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، شەھەر نوپۇسىغا ئۆتكەن دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ كىرىم تەقسىماتىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئىختىيارەن ھەقلىق چېكىنىش چارىسىنى بېكىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم.

خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلق شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شەھەر پىلانلاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر - بازارلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۈجۈپىلىك، ئىخچام ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش لازىم. شەھەرلەرنىڭ قۇرۇش، باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش كېرەك. پەۋقۇلئاددە چوڭ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەردە ئاقىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش يېڭى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىدىكى شەھەرلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك. ئالاھىدە چوڭ بازارلارغا نوپۇسى ۋە ئىقتىسادىي كۆلىمىگە مۇناسىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئىمكانىيەتلىك سىجىل شەھەر يېڭىلاش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى ئورنىتىپ، ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا لەخمىسى قۇرۇش ۋە كونا تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

(21) يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىنىقىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ھۆددە يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. يېزا ئىگىلىكىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆددە يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئوبوروت باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك باشقۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يۆلەش سىياسىتىنى دېھقان ئائىلىلىرىنى كىرىم ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش بىلەن باغلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق، تەقسىماتى مۇۋاپىق بولغان يۈرۈشۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. دېھقانلارنى تېخىمۇ تولۇق مال - مۈلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

(22) يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سېلىنمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ناھىيەلەردە خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۆپ مەنبەلىك يېمەكلىك تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەردە يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ياردەم پۇلى سىياسىتى سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بارلىق يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان دائىملاشقان مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىگە ۋە ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا قاتلام، تۈر بويىچە يار - يۆلەك بولۇش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سېلىنمىسىدىن شەكىللەنگەن مۈلۈكنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. «مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

ئاشلىقچى دېھقانلارنىڭ پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق سەۋىيەدە ساقلاشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار بىلەن ئاشلىق سېتىلىدىغان رايونلارنىڭ ئۆلكىلەر ئارا توغرا لىنىيەلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورنىتىپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش جەھەتتە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاش كېرەك. ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش ۋە ئاشلىق زاپىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش لازىم. ئاشلىق ۋە يېمەكلىك تېجەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

(23) يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. تېرىلغۇ يەر ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تېرىلغۇ يەر ئىگىلەشنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تولۇقلانغان تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى بەرپا قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، باشقۇرۇش - ئاسراش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنىڭ ئاساسىي زىرائەت تېرىشقا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئېرىشكەن تۇرالغۇسىنى ئىجارىگە بېرىش، پاي قىلىپ قېتىش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يەرنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم.

يەر باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، ماكرو سىياسەت بىلەن رايونلار تەرەققىياتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلغان يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېتەكچى كەسىپ، زور تۈرلەرنىڭ مۇۋاپىق يەر ئىشلىتىشىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، ئەۋزەل رايونلارنى تېخىمۇ زور تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يېڭىدىن كۆپەيگەن شەھەر - بازار قۇرۇلۇش يېرى كۆرسەتكۈچىنى تەقسىملەشنى دائىملىق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت مەركەزلىك ئۆزلەشتۈرگەن تېرىلغۇ يەرنى مۇئەييەن تۈر ۋە رايونلارغا نىشانلىق ئىشلىتىپ ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنىڭ تەڭپۇڭلىشىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. شەھەر سودا - سانائەت يېرىدىن پايدىلىنىشنى ياخشىلاپ، قۇرۇلۇش يېرى ئىككىلەمچى بازىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەردىن ئارىلاش ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئىشلىتىش ئورنىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ساقلانما يەر ۋە تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەرلەرنى جانلاندۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك كەسىپ باغچە رايونلىرىنىڭ يېرىنى مەخسۇس تۈزەش لازىم. سودا - سانائەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈش ۋە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قەرەلىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا سىياسەت چىقىرىش كېرەك.

7. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

ئېچىۋېتىش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش شەرت.

(24) تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش. خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، كەسىپ ياردەم پۇلى، مۇھىت ئۆلچىمى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلە ساھەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەملەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئاشكارا، مۇقىم، مۆلچەرلىنىشچان تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىش لازىم. ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار بازىرى، مۇلازىمەت بازىرى، كاپىتال بازىرى، ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىرى قاتارلىقلارنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە بىر تەرەپلىك ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. چەت ئەلگە ياردەم بېرىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دۇنياۋى ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش كېرەك. دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونلىرى تورىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئورتاق قائىدىگە جىپسىلاشقان قائىدىلىك مېخانىزم ئورنىتىپ، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش لازىم.

(25) تاشقى سودا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. سودا سىياسىتى بىلەن مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ سىياسەتلىرىنىڭ ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ تۈزۈم تىرىكى ۋە سىياسەت مەدىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، سودىنىڭ رەقەملىشىش، يېشىللىشىش يۈزلىنىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈش لازىم. تاموژنىدىن ئۆتۈش، باج ئىشلىرى، تاشقى پېرېۋوت قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈزۈم مۇھىتى يارىتىش كېرەك. رەقەملىك سودىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودا مەركىزى، دۇنياۋى يىغىش، تارقىتىش، تەقسىملەش مەركىزى قۇرۇپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ چەت ئەلدە ئوبوروت ئەسلىھەلىرىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈن مەركىزى ۋە كۆپ مىقدارلىق تاۋار بايلىقىنى تەقسىملەش تۈگۈنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. سودا خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكسپورتنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە سودىنى قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي يۈكسەلدۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال سىنىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلقئارالاشقان مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. تاشقىرغاق سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە تاشقىرغاق خەلقئارا سودىسى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ تەمىناتىنى بېيىتىش كېرەك.

(26) چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان 1 - قاتاردا تۇرىدىغان سودا - تىجارەت مۇھىتى يارىتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش لازىم. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى مۇۋاپىق قىسقارتىپ، تاشقى مەبلەغنىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىگە كىرىشىگە چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېلېگراف، ئالاقە تورى، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنىڭ تەرتىپلىك كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئامىلغا ئېرىشىش، ساپا ئىجازىتى ئېلىش، ئۆلچەم بېكىتىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇقراۋى مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھالقىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىنى قوللاش لازىم. چېگرا سىرتىدىكى خادىملارغا چېگرادىن كىرىپ ئولتۇراقلىشىش، داۋالىنىش، چىقىم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۇرمۇش قولايلىقى يارىتىپ بېرىدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ باشقۇرۇش - مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى خەلقئارا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

(27) رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش. شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش لازىم. دېڭىز بويى، چېگرا بويى، دەريا بويى ۋە قاتناش غول لىنىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى فۇنكسىيەلىك ئىش تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللىك ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىجادىي، توپلانما ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىش لازىم. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

«بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، سۇ تىرانسپورتى مەركىزى، سودا مەركىزىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلارنىڭ خەلقئارا سەردار ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى داۋامىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغان مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قائىدىلەرنىڭ جىپسىلىشىشى، مېخانىزملارنىڭ ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

(28) «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقىل، ئېنېرگىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، تورنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستېرېئولۇق تۇتاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىش لازىم. چوڭ - چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

8. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، مۇھىم سىياسىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىك دېموكراتىيە شەكىللىرىنى بېيىتىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت ۋە ئەمەلىي نامايان قىلىش شەرت.

(29) خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەمۇرىي ئورگان، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈشى، نازارەت قىلىشى ۋە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشى، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشى، نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىش لازىم. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى ۋە دەلىللەش، باھالاش، مۇھاكىمە قىلىش، ئىسپات ئاڭلاش تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. خەلق ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاش مەزمۇنى ۋە شەكىللىرىنى بېيىتىش لازىم. خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى كۆۋرۈكلۈك - ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

(30) كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىرنى تولۇق ئىپادىلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مېخانىزملىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، پارتىيەلەر كېڭىشىش، خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىش، خەلق ھۆكۈمىتى كېڭىشىش، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش، خەلق تەشكىلاتلىرى كېڭىشىش، ئاساسىي قاتلام كېڭىشىش ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كېڭىشىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش سۇپىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك كېڭىشىش يوللىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ماسلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەشتىن بۇرۇن ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش داۋامىدا كېڭىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

(31) ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك تەشكىلاتلار ۋە ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىش بېجىرىشتە ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئاساسىي شەكىل قىلىنغان دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكىللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

(32) بۈيۈك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. بىرلىك سەپنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي قاتلامدىكى زاتلارنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. يېقىنلىق - پاكلىق ئاساسىدىكى ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى ۋە چياۋمىنلار خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

9. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

قانۇنچىللىق − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش شەرت.

(33) قانۇن چىقىرىش ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خەلق ھۆكۈمىتى تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان قانۇن چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. قانۇننى چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش، تۈزۈشنى بىرتۇتاش نەزەرگە ئېلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رايونلار ھەمكارلىقىغا دائىر قانۇن چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. پارتىيە نىزاملىرى بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن قانۇن - نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت ئۇچۇرلىرى سۇپىسى بەرپا قىلىش لازىم.

(34) مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش. ھۆكۈمەتنىڭ ئاپپاراتلىرى، فۇنكسىيەسى، ھوقۇقى، تەرتىپى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىشى، قېلىپلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان بىرگەۋدىلەشكەن مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى تور سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. زور تەدبىر، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىشىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي جازا قاتارلىق ساھەلەردىكى مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقىنىڭ ئۆلچەم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنىڭ رايون ھالقىپ جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. مەمۇرىي جازا بىلەن جىنايى جازانى قوش يۆنىلىشلىك جىپسىلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. مەمۇرىي كېسىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە جايلار دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ جايلار بىلەن ھەمكارلىشىش - ماسلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. ئاھالىسى ئاز ناھىيەلەرنىڭ ئاپپاراتلىرىنى ياخشىلاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. كەسپىي ئىدارە - ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىنى كۈچەيتىش كېرەك.

(35) قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. رېۋىزىيە ئورگىنى، گۇڭئەن ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، سوت ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، رېۋىزىيە ھوقۇقى، تەھقىقلەش ھوقۇقى، تەپتىش ھوقۇقى، سوت ھوقۇقى، ئىجرا ھوقۇقى ئۆزئارا ماسلىشىدىغان ۋە بىر - بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىنىڭ ئۈنۈملۈك چەكلىمە ۋە نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سوت ھوقۇقى بىلەن ئىجرا ھوقۇقىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاقىدارلار، تەپتىش ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە بولغان تولۇق جەريانلىق نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش لازىم. قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە قۇتقۇزۇش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت تۆلىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. مەخسۇس سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي دېلولارنى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش، مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، باشقا جايدا باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ماس ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ساقچى ئىشلىرى تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى ئورنىتىپ، يەرلىك گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى گۇڭئەن ئورگانلىرى ۋە تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ساقچى ئىشلىرى ياردەمچى خادىملىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم.

توغرا كىشىلىك ھوقۇق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش، ئىش داۋامىدا نازارەت قىلىش، ئىشتىن كېيىن تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى، شۇنىڭدەك پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىگە دائىر تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش، قانۇنسىز سولاپ قويۇش، قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا ئادۋوكاتلار ئاقلاشنىڭ تولۇق ئومۇملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. يېنىك جىنايەت خاتىرىسىنى پېچەتلەش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك.

(36) قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تۈزۈلمىسى، كېسىم تۈزۈمى، مۇرەسسە تۈزۈمى، ئەدلىيەلىك باھالاشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى ياخشىلاپ، قانۇن ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئەمەلىيەت يېتەكچى قىلىنغان تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تۈزەش - تەربىيەلەش ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەك.

(37) چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. چەتكە چېتىشلىق قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش، قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. چەتكە چېتىشلىق قانۇن - نىزام سىستېمىسى ۋە قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. چەتكە چېتىشلىق ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتىدە دەۋالاشقۇچىلار باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈش، رايون سىرتىدا تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى تاللاش قاتارلىق قانۇن يۈرگۈزۈش، سوت قىلىش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارا سودا ئىشلىرى بويىچە كېسىم قىلىش ۋە مۇرەسسە قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقئارادا 1 - قاتاردا تۇرىدىغان كېسىم ئاپپاراتى، ئادۋوكاتخانىلارنى يېتىلدۈرۈش لازىم. خەلقئارا قائىدە تۈزۈشكە پائال قاتنىشىش كېرەك.

10. مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر - بىرىگە ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتكە تېز ماسلىشىپ، زور كۆلەملىك مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش شەرت.

(38) ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىي خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەردە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئىشلەش، تارقىتىشقا لايىقلاشقان خىزمەت مېخانىزمى ۋە باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى سىستېمىلىق ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى مېخانىزمى ۋە ئاممىنىڭ پىكىر - پوزىتسىيەسىگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك .

غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تۈزۈم - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاش لازىم. مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلىشى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىشى، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلىۋى ئەخلاق، كىشىلىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ - ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىش جەھەتتىن تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پۇلپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك، چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك ۋە تارىخىي ئىنكارچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. تور ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىنى قاتلاملىق، دەل جايىدا يولغا قويۇش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئەخلاق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ تۈزەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھۋانىيلىق ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك .

(39) مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قاتناشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. مەدەنىيەت ساھەسىدىكى دۆلەت كاپىتالى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى تۈرلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمەكلىرى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك .

خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نەتىجە يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەسەرنى چىڭ تۇتۇش بىلەن مۇھىتنى چىڭ تۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەشكىللەش خىزمىتى مېخانىزمىنى ياخشىلاش كېرەك. مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىقتىسادى سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. مەدەنىيەت بىلەن پەن - تېخنىكىنى يۇغۇرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. مەدەنىيەت ساھەسىدە مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمىنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. مەدەنىيەت - تاماشا ساھەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك .

مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بەلگە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماھارەت تەنتەربىيەسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

(40) تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. تور باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تورنىڭ مەزمۇن قۇرۇلۇشى بىلەن باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاخبارات تەشۋىقاتى بىلەن تور ئاممىۋى پىكرىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھاسىلىي سۈنئىي ئەقىلنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تور بوشلۇقى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش خىزمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك .

(41) تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش. خەلقئارا تارقىتىش ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ خەلقئارا تارقىتىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ يوللۇق، ئىستېرېئولۇق سىرتقا تارقىتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو سۆز سىستېمىسى ۋە جۇڭگو بايان سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش لازىم. دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈشنى باشقۇرۇشنىڭ قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش لازىم .

11. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش شەرت .

(42) كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. دەسلەپكى تەقسىمات، قايتا تەقسىمات، ئۈچىنچى تەقسىماتنى ماسلاشتۇرۇش - يۈرۈشلەشتۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىكى نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنى بېكىتىش، مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامىلغا قاراپ تەقسىم قىلىش سىياسەت - تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. باج، ئىجتىمائىي كاپالەت، يۆتكىمە چىقىم قاتارلىق قايتا تەقسىماتنى تەڭشەش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق، خەيرىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىش لازىم.

كىرىم تەقسىماتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بايلىق جۇغلاش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ مال - مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرىدىغان، ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنىڭ كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىدىغان، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى مۇۋاپىق تەڭشەيدىغان تۈزۈم سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش بېكىتىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ ئىش ھەققى، ياردەم پۇلى، تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق بېكىتىش ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

(43) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاممىۋى مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيەتلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يار - يۆلەك بولۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. شەھەر - يېزا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نوپۇس، ئادەم ئىشلىتىش، ئارخىپ قاتارلىق مۇلازىمەت ئىسلاھاتلىرىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكىللىرىنى قوللاش ۋە قېلىپلىق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پۇرسەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈم - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش لازىم. ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك .

(44) ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمىتى سۇپىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ غەملەش ۋە تەمىناتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن ئالىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى قەدەممۇقەدەم ئۆستۈرۈش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنىڭ نوپۇس چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈۋرۈكلۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، يىللىق پۇل تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەخسلەر كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم. تۈرلۈك سودا سۇغۇرتىلىرىنىڭ تولۇقلىما كاپالەت رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە غەمخورلۇق مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم .

ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، مائاشلىقلارنىڭ مۇتلەق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان تۇرالغۇ ياخشىلاش ئېھتىياجىنى قوللاش كېرەك. شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆي - زېمىن بازىرىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تولۇق بېرىپ، شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار شەھەرلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ياكى ئازايتىشىغا، ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە غەيرىي ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆلچىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. ئۆي - زېمىنچىلىككە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى ۋە تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لازىم. ئۆي - زېمىن بېجى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك .

(45) تېبابەت، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ساغلاملىقنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئورتاق باشقۇرۇش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، خەۋپ - خەتەرنى باھالاش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، پىرىيوم - كارانتىن قىلىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، داۋالاش - قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپىيىشى، تۆۋەنگە يۈزلىنىشى ۋە رايونلارغا تەڭپۇڭ جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجە بويىچە داۋالاش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، جىپسىلاشقان داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق يېتەكچى قىلىنغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى يېتەكچى قىلىنغان ھەق ئېلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئىش ھەققى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشتاتنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىش لازىم. پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. داۋالاش - ساقلىق ساقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىش لازىم. ئىجادىي دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك .

(46) نوپۇس تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ياشانغانلار كۆپىيىش، بالىلار ئازىيىش ئەھۋالىغا ھازىرلىق كۆرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق كىشىلەر توپىنى قاپلىغان ئۆمۈرلۈك نوپۇس مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۇغۇتقا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە رىغبەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇتسۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، تۇغۇت دەم ئېلىشى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇت ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاساسىي تۇغۇت ۋە بالىلار تېبابىتى ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. ئومۇمىي مەنپەئەتدار بالىلار تەربىيەسى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يەسلى ئېچىش، مەھەللىدە سىڭىشمە ھاۋالىلىك بېقىش، ئائىلىۋى ھاۋالىلىك بېقىش نۇقتىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. نوپۇس يۆتكىلىشنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئادەمگە ئەگىشىپ يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزا، رايونلاردا نوپۇسنىڭ مۇۋاپىق توپلىنىشى، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە كۈتۈنۈش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان سىياسەت - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاقباشلار ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياشانغانلارغا مۇناسىپ كۆپ خىللاشقان، خاسلاشقان ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىش لازىم. ئىختىيارىي، ئېلاستىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەمكارلىشىپ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاش لازىم. ئىگە - چاقىسىز، مېيىپ، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ۋە باشقا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا بولغان مۇلازىمەتچىلىكنى ياخشىلاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىش كېرەك.

12. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت.

(47) ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. رايونلار بويىچە، پەرقلىق، دەل جايىدا باشقۇرۇپ تىزگىنلەيدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە باھالاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پۈتۈن رايون، پۈتۈن تۈرلەرنى قاپلىغان، بىرلىككە كەلگەن، جىپسىلاشتۇرۇلغان زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ۋە پىلانلاش، ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، تەبىئىي بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى باھالاش، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم. دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرى تۈزۈش لازىم.

(48) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، بازار سىستېمىسى، قانۇن - نىزام، سىياسەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەشكە دائىر تۈزۈم - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمى يادرو قىلىنغان مۇقىم بۇلغىما مەنبەلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بۇلغىمىلارنى ھەمكارلىشىپ تۈزەش ۋە مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل بۇلغىما چىقىرىشنى ھەمكارلىشىپ ئازايتىشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىت ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. مۇھىم ۋادىلاردا يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش سېلىنمىسى مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. سۇ بايلىقىغا قاتتىق چەك قويۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقى ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لازىم. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش - قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى رېئاللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تەبىئىي بايلىقنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئۇنىۋېرسال ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(49) يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا مەدەت بېرىدىغان مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا سىياسەتلىرى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل ئىستېمالنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىي قىلىدىغان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت يېشىل مەھسۇلاتلارنى بىرتۇتاش سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك تېجەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشلاندۇقلاردىن ئايلانما پايدىلىنىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز پىلانلاپ قۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى بىر تەرەپ قىلىش، جايلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش - تىزگىنلەش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەشنى كاربون چىقىرىشنى قوش تىزگىنلەشكە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش يېڭى مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. كاربون چىقىرىشنى ئىستاتىستىكا - ھېسابات قىلىش سىستېمىسى، مەھسۇلات كاربون بەلگىسىنى دەلىللەش تۈزۈمى، مەھسۇلات كاربون ئىزىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كاربون بازىرى سودا تۈزۈمى، پارنىك گازى چىقىرىشنى ئىختىيارىي ئازايتىش سودىسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

13. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش

دۆلەت خەۋپسىزلىكى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ياخشى ھەمتۈرتكە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

(50) دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسى، ئىستراتېگىيە سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىش - سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى ۋە مۇھىم مەخسۇس ماسلاشتۇرۇش - قوماندانلىق قىلىش سىستېمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(51) ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. زور تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بۈيۈك خەۋپسىزلىك، بۈيۈك جىددىيەت رامكىسىدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئاساسى ۋە كۈچلىرىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرىنى تەكشۈرۈش - تۈزەش ۋە جاۋابكارلىقنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىيوخەۋپسىزلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. تور بىخەتەرلىكى تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك.

(52) جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. ئىجتىمائىي خىزمەت تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر ئاھالىسى قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش»تىن ئىبارەت نۇقتىلىق ئىشلارنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە دائىملاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە پىسخىكىلىق كىرىزىسقا تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن ھوقۇقى ۋە بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ دائىملاشقان مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.

(53) چەتكە چېتىشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئەتراپ بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چەت ئەلدىكى مەنپەئەت ۋە سېلىنما خەۋپ - خەتىرىدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قوغداشقا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. جازالاشقا، ئارىلىشىۋېلىشقا، «ئۇزۇن قوللۇق قىلىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇش مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

14. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش

دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش شەرت.

(54) خەلق ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان تۈزۈم - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى تارماقلارنىڭ فۇنكسىيە تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زور تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكى ۋە باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. كۈرەش قىلىش، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى يانداش سىياسەت - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەربىي ئالىي مەكتەپلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. ئارمىيەنىڭ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرىنى تەڭشەش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش كېرەك.

(55) بىرلەشمە جەڭ قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىخەتەرلىك ساھەلىرىنىڭ قوماندانلىق ئىقتىدارىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ماسلىشىپ يۈرۈشۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىمدا بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تور ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە قوللىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭىچە ئارمىيە - قىسىم تۈرلىرى قۇرۇلمىسى ۋە جايلاشتۇرمىسى بەرپا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ساھە، يېڭى خاراكتېرلىك جەڭ قىلىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى جەڭ قىلىش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش كۈچەيتىش كېرەك. قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ كۈچ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش لازىم.

(56) ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. بىرگەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئارمىيەگە چېتىشلىق تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدا ھەربىي ئېھتىياجنى مەلۇم قىلىش ۋە ئارمىيە - يەرلىكنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، قورال - جابدۇق سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، ھەربىي مەھسۇلات لايىھەسىدىن مەنپەئەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، زامانىۋى قورال - جابدۇق باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئارمىيە - يەرلىكنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئالەم قاتنىشى، ھەربىي بۇيۇملار سودىسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، چېگرا رايوننى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلق بىرلىكتە ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. خەلق ئەسكەرلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

15. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

پارتىيە رەھبەرلىكى − يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىغا دائىر تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

(57) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ قەتئىي ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئىسلاھاتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئۆرنەك قىلغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان يېڭى تەجرىبىلەرنى يارىتىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، ئىسلاھات لايىھەسىدە جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش كېرەك. ئىسلاھات قارالمىلىرىنى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا بېكىتىپ، نۇقتىلىق ئىسلاھات لايىھەلىرىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش، ئېغىشنى ۋاقتىدا توغرىلاش كېرەك. ئىسلاھات ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاممىۋى پىكىر ئارقىلىق يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى ئىسلاھات كەيپىياتى يارىتىش لازىم.

(58) پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش - ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى روشەن تۇرغۇزۇپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك، پاك - دۇرۇس كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، كادىرلاردىكى قالايمىقان ئىش قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئىشنى ياخشى قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، نەتىجە قارىشى ئېغىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكىمۇ، چۈشۈرۈشكىمۇ بولۇشنىڭ دائىملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھازىرقى ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەشكە ماس كەلمەيدىغان كادىرلارنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دائىملىق تەربىيەلەش، بولۇپمۇ ئاساسىي تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسپىي تەلىم بېرىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش لازىم. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئالماشقاندا خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش لازىم. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان توپلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پارتىيە قائىدە - نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قائىدە - نىزاملىرىنىڭ نوپۇزى ۋە ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

(59) پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش. سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دەللەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش تۈزۈم - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. يىغىن، ھۆججەتلەرنى ۋە تۈرلۈك بەرپا قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، بايرام، كۆرگەزمە، مۇنبەر پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىخچاملاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن نازارەت، تەكشۈرۈش، باھالاشلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، زىيادە كۆپ، زىيادە مۇرەككەپ بولۇش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. يېزا - بازار (كوچا)لارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيە بىرلەشتۈرۈلگەن ئىنتىزام تەربىيەسى مېخانىزمى ئورنىتىپ، نازارەت قىلىش - ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ تەربىيەلەش، چەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى تىرىشىپ يوقىتىش كېرەك. ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىقى مول ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كارخانىچىلار تىل بىرىكتۈرۈپ سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نۇقتىلىق پارا بەرگۈچىلەرنى بىرلىشىپ جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى بېيىتىش كېرەك. تۆھمەت چاپلاش قىلمىشلىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش لازىم. قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زاڭ پۇل - مالنى قايتۇرۇۋېلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش لازىم. «بىرىنچى باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدىغان يانداش تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھوقۇق تەقسىماتى ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى تۇرۇش لازىم. ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش لازىم. نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش - ئېنىقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر دۆلەت قانۇنى چىقىرىش، رېۋىزىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(60) ئىسلاھاتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى راستچىل - ئەمەلىيەتچىللىك، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى ماسلاشتۇرۇش، سىستېمىلار بىلەن رايونلارنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ۋەزىپەنامىسى، ۋاقىت جەدۋىلى، ئالدىنلىق تەرتىپىنى ئىلمىي بېكىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ يولغا قويۇش سۇبيېكتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، زور ئىسلاھاتلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى ئارقىلىق سىنىشى شەرت.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. تاشقى خىزمەتتە مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتلەرنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك ئاساستا كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، سىغدۇرۇشچانلىق ئاساسىدا دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتى مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش شەرت.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 21 -كۈنى تېلېگراممىسى)