جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچكى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى

2024-07-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى

2023 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 99 مىليون 185 مىڭ نەپەر بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1 مىليون 144 مىڭ نەپەر ساپ كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %1.2 بولدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھازىر بار بولغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 5 مىليون 176 مىڭ بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 111 مىڭ ساپ كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %2.2 بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتى 298 مىڭ، باش ياچېيكا 325 مىڭ، ياچېيكا 4 مىليون 554 مىڭ.

بىرىنچى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جىنسى، مىللىتى ۋە ئوقۇش تارىخى. ئايال پارتىيە ئەزاسى 30 مىليون 185 مىڭ نەپەر بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %30.4ىنى ئىگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 7 مىليون 592 مىڭ نەپەر بولۇپ، %7.7نى ئىگىلىدى. ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 55 مىليون 786 مىڭ نەپەر بولۇپ، %56.2نى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېشى. 30 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 12 مىليون 412 مىڭ نەپەر، 31 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 11 مىليون 196 مىڭ نەپەر، 36 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 10 مىليون 864 مىڭ نەپەر، 41 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 9 مىليون 459 مىڭ نەپەر، 46 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 9 مىليون 71 مىڭ نەپەر، 51 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 9 مىليون 405 مىڭ نەپەر، 56 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 8 مىليون 907 مىڭ نەپەر، 61 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 27 مىليون 872 مىڭ نەپەر.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى پارتىيەگە كىرگەنلەر 68 مىڭ نەپەر، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەزگىلدىن پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلگىچە پارتىيەگە كىرگەنلەر 12 مىليون 863 مىڭ نەپەر، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى مەزگىلدىن پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلگىچە پارتىيەگە كىرگەنلەر 60 مىليون 142 مىڭ نەپەر، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەگە كىرگەنلەر 26 مىليون 112 مىڭ نەپەر.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەسپى. ئىشچى (ئىشچى تېخنىك خادىم) 6 مىليون 643 مىڭ نەپەر، دېھقان - چارۋىچى، بېلىقچى 26 مىليون 75 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىك خادىم 16 مىليون 190 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىم 11 مىليون 453 مىڭ نەپەر، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىم 7 مىليون 645 مىڭ نەپەر، ئوقۇغۇچى 2 مىليون 771 مىڭ نەپەر، باشقا كەسىپتىكى خادىم 7 مىليون 764 مىڭ نەپەر، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار 20 مىليون 644 مىڭ نەپەر.

ئىككىنچى، پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى

2023 - يىلى پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار جەمئىي 2 مىليون 408 مىڭ نەپەر.

پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلارنىڭ جىنسى، مىللىتى، يېشى ۋە ئوقۇش تارىخى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئايال 1 مىليون 105 مىڭ نەپەر بولۇپ، %45.9نى ئىگىلىدى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى 252 مىڭ نەپەر بولۇپ، %10.5نى ئىگىلىدى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان 35 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەر 1 مىليون 983 مىڭ نەپەر بولۇپ، %82.4نى ئىگىلىدى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار 1 مىليون 280 مىڭ نەپەر بولۇپ، %53.1نى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلارنىڭ كەسپى. ئىشچى (ئىشچى تېخنىك خادىم) 158 مىڭ نەپەر، دېھقان - چارۋىچى، بېلىقچى 375 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىك خادىم 351 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىم 267 مىڭ نەپەر، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىم 119 مىڭ نەپەر، ئوقۇغۇچى 919 مىڭ نەپەر، باشقا كەسپىي خادىم 218 مىڭ نەپەر. ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 1 مىليون 276 مىڭ نەپەر.

ئۈچىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى تەقدىرلەش ئەھۋالى

2023 - يىلى مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەمئىي 138 مىڭ ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەقدىرلىدى، 693 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى تەقدىرلىدى، 199 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسىنى تەقدىرلىدى. پۈتۈن بىر يىلدا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالىدىن 795 مىڭ دانە تارقىتىلدى.

تۆتىنچى، پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى

2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 20 مىليون 980 مىڭ نەپەر، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى 10 مىليون 547 مىڭ نەپەر.

بەشىنچى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى

پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى. مەملىكەت بويىچە پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كومىتېتىدىن جەمئىي 3199ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى 31، شەھەر (ئوبلاست)لىك پارتىيە كومىتېتى 397، ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)لىك پارتىيە كومىتېتى 2771.

شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزا - بازار، مەھەللە، مەمۇرىي كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى. مەملىكەت بويىچە 9125 شەھەر كوچا باشقارمىسى، 29 مىڭ 620 يېزا - بازار، 119 مىڭ 437 مەھەللە، 488 مىڭ 959 مەمۇرىي كەنتتە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلدى، قاپلاش نىسبىتى بىردەك %99.9تىن ئاشتى.

ئورگان، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 771 مىڭى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 997 مىڭى، كارخانا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 1 مىليون 600 مىڭى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 183 مىڭى بار بولۇپ، قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

(ئىزاھات: بۇ ئاخباراتتىكى قىسمەن جەملەنگەن سان ياكى نىسپىي ساننىڭ بىرلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھېسابلاش خاتالىق پەرقى بىردەك مېخانىكىلىق تەڭشەلمىگەن.)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)