شى جىنپىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
ھەقىقىي تۈردە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ياخشى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، ياخشى تەربىيەلەپ باشقۇرۇپ، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن نەمۇنىلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئارزۇسىنى كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسى، خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى، سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ياخشى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، ياخشى تەربىيەلەپ باشقۇرۇپ، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىنقىلابىي ھەربىيلەر خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، مۇلازىمەت، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە بەس - بەستە ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن 397 نەمۇنىلىك ھەربىي ۋە مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى 100 نەمۇنىلىك ئورۇن، 80 نەمۇنىلىك شەخس تەقدىرلەندى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى مياۋ خۇا يىغىنغا قاتناشتى.