جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى

2024-07-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە ئەزاسى 99 مىليون 185 مىڭ نەپەر، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى 5 مىليون 176 مىڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسى يەنىمۇ كۈچەيدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 99 مىليون 185 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 144 مىڭ نەپەر ساپ كۆپەيگەن. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 5 مىليون 176 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 111 مىڭ ساپ كۆپەيگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش روشەن يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىدى.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تەكشى، مۇقىم ئاشتى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %1.2 ئاشتى. پۈتۈن بىر يىلدا پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 2 مىليون 408 مىڭ نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكىلەر 1 مىليون 276 مىڭ نەپەر بولۇپ، %53.0نى ئىگىلىدى؛ ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار 1 مىليون 280 مىڭ نەپەر بولۇپ، %53.1نى ئىگىلىدى؛ 35 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەر 1 مىليون 983 مىڭ نەپەر بولۇپ، %82.4نى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 55 مىليون 786 مىڭ نەپەر بولۇپ، %56.2نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئايال پارتىيە ئەزاسى 30 مىليون 185 مىڭ نەپەر بولۇپ، %30.4نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 7 مىليون 592 مىڭ نەپەر بولۇپ، %7.7نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. ئىشچىلار ۋە دېھقانلار يەنىلا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %33.0ىنى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 1 مىليون 266 مىڭ قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى 6 مىليون 173 مىڭ ئادەم قېتىم مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلىدى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى، 3199 يەرلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، 4 مىليون 443 مىڭ پارتىيە ياچېيكىسى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇردى، 4 مىليون 549 مىڭ پارتىيە ياچېيكىسى بەلگىلىمە بويىچە «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» ۋە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پارتىيە ئىچىدىكى تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەمئىي 138 مىڭ ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەقدىرلىدى، 693 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى تەقدىرلىدى، 199 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسىنى تەقدىرلىدى. پۈتۈن بىر يىلدا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالىدىن 795 مىڭ دانە تارقىتىلدى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى يەنىمۇ پۇختىلاندى، مۇستەھكەملەندى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتىدىن 298 مىڭى، باش ياچېيكىدىن 325 مىڭى، ياچېيكىدىن 4 مىليون 554 مىڭى تەسىس قىلىنىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 9000ى، 5000ى، 97 مىڭى كۆپەيدى، تەشكىلىي جەھەتتە تەسىس قىلىش تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇلدى، قېلىپلاشتۇرۇلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، 488 مىڭ نەپەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى ئىچىدە، ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار %44.0نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلىققا سىجىل تۈردە كۈچلۈكلىرى ئەۋەتىلدى، ياخشىلىرى ئىشلىتىلدى، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى 206 مىڭ نەپەر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە %42.2 مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت كۈچى تولۇقلاندى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئومۇمىي ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى سىجىل مۇستەھكەملەندى، كېڭەيدى، ئورگان، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.