«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» ھەققىدە ئىزاھات

2024-07-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ

يولداشلار:

مەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ لايىھەسىنى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بېرىمەن.

1. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارالمىلىرىنى بېكىتىش توغرىسىدا ئويلىنىش

پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش − پارتىيەنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە رېئال ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپ ئويلىشىلدى.

بىرىنچى، بۇ − كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز داغدام قەدەملەر بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە تايانغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشتىمۇ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە تاياندۇق. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، يەنىلا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە تايىنىشىمىز كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپە بېكىتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى، مۇھىم پىرىنسىپى قاتارلىقلار بايان قىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ تۈپ نېگىزى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتا.

ئىككىنچى، بۇ − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى ۋە تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. يەنە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىر ھەرىكەتچان جەريان بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، شۇڭا بۇرۇنقى تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشىمىزغا، يېڭى ساھە، يېڭى ئەمەلىيەتكە دائىر تۈزۈملەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم بوشلۇقىنى تولدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئالدىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈم - مېخانىزملارنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىمىز شەرت.

ئۈچىنچى، بۇ − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. نۆۋەتتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە يەنىلا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىدۇر. مەسىلەن، بازار سىستېمىسى يەنىلا تاكامۇل ئەمەس، بازار تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىدى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخى تامامەن راۋانلاشقىنى يوق، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمايۋاتىدۇ، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى چوڭ، ئەمما كۈچلۈك ئەمەس، تولۇق، ئەمما سەرخىل ئەمەس، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىمىزدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە كىرىم تەقسىمات پەرقى ھېلىھەم بىرقەدەر زور، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا يەنىلا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، ۋە باشقىلار. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەر بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتىن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز شەرت.

تۆتىنچى، بۇ − زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش − بىر تۈرلۈك يېپيېڭى ئىش، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مۇقەررەر ھالدا تۈرلۈك زىددىيەت ۋە خەۋپ - خەتەر - خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز. بولۇپمۇ نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش تېزلىشىۋاتىدۇ، قىسمەن توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش كۆپ يۈز بېرىپ، دۇنياۋى مەسىلىلەر كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، سىرتنىڭ بېسىمى ۋە توسقۇنلۇقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، تۈرلۈك «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرى ھەر ۋاقىت يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، كىرىزىس داۋامىدا يېڭى پۇرسەت يارىتىشىمىزغا، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

2. قارار ئارگىنالىنى تەييارلاش جەريانى

2023 - يىلى 11 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، يولداش ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، گۇرۇپپىمىز مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىمىز 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدۇق. يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىمىز چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، مەخسۇس تېمىدا دەلىللەشنى قانات يايدۇرۇپ، قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىپ تۈزىتىش كىرگۈزدۇق.

قارار ئارگىنالىنى تەييارلاش جەريانىدا، بىز تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى نۇقتىلىق ئىگىلىدۇق: بىرىنچىدىن، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپلارنى بېكىتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇردۇق. ئىككىنچىدىن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردۇق. ئۈچىنچىدىن، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىككە، ئومۇملۇققا ئىگە زور ئىسلاھاتلارنى ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى نامايان قىلدۇق. تۆتىنچىدىن، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ پىلانلىدۇق ۋە ئالغا سىلجىتتۇق. بەشىنچىدىن، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش، سىستېمىلىق جايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇردۇق ۋە ماس، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلدۇق.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاشتا، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈردۇق. 2023 - يىل 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىسى توغرىسىدا ھەرقايسى جايلار، تارماقلار، تەرەپلەر ۋە قىسمەن كادىرلار، ئاممىدىن پىكىر ئالدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلغانلىقى ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتەك قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك بۇرچ - مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپتۇ، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش توغرىسىدا قىلىنغان قايتا جاكار بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار، تەرەپلەر ھۆججەتنىڭ باش تېمىسى، رامكىسى، مۇھىم تەدبىرلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بېرىپ، قارار ئارگىنالىنى تەييارلاشنى مۇھىم پايدىلانمىغا ئىگە قىلدى.

2024 - يىل 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، قارار ئارگىنالىنى پارتىيە ئىچىدە تارقىتىپ مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئالدۇق، پارتىيە ئىچىدىكى پېشقەدەم يولداشلاردىن پىكىر ئېلىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىنى مەخسۇس ئاڭلىدۇق، ئالاقىدار كارخانىلار ۋە مۇتەخەسسىس - ئالىملارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىدۇق. ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: قارار ئارگىنالىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى سۈرەتلىنىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپتۇ، ئىسلاھات جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىلىرىنى كۈچەپ چىڭ تۇتقان ھالدا پىلانلىنىپتۇ، باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، تەدبىرلىرى ئەمەلدە ئاقىدىغان بوپتۇ، ئۇ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، ئۇ مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى تەرەپلەر 1911 تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىمىز بۇ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر قوبۇل قىلىپ، 221 جايغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق.

ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتى جەريانىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3 قېتىم، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 2 قېتىم يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان قارار ئارگىنالىنى شەكىللەندۈردى.

3. قارار ئارگىنالىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى توغرىسىدا

كىرىش سۆز ۋە ئاخىرقى سۆزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قارار ئارگىنالى جەمئىي 15 قىسىم، ئۈچ چوڭ بۆلەككە ئايرىلدى. 1 - قىسىم ئومۇمىي بايان بولۇپ، بۇنى 1 - بۆلەك قىلدۇق، بۇ بۆلەكتە ئاساسلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زور ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى بايان قىلدۇق. 2 - قىسىمدىن 14 - قىسىمغىچە خاس بايان بولۇپ، بۇنى 2 - بۆلەك قىلدۇق، بۇ بۆلەكتە ئاساسلىقى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق. 15 - قىسىمنى 3 - بۆلەك قىلدۇق، بۇ بۆلەكتە ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە توختالدۇق. ئومۇمىي مەزمۇننى ماددا بويىچە رەتكە تىزىپ، 60 ماددىغا ئايرىدۇق.

قارار ئارگىنالىدا 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى كۆزلەپ، كەلگۈسى بەش يىللىق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇردۇق، مەزمۇننى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالاھىدىلىك بار.

بىرىنچى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردۇق. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يەنىلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

قارار ئارگىنالىدا ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ياخشىلاش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى چىقىرىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ۋاسىتە، جىنايى ئىشلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ماجىرالارغا ئارىلىشىشنى توسۇش ۋە تۈزىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى ئېنىقلاپ بىكار قىلىپ، ئامىل بازىرى تۈزۈمى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ۋە باشقىلار. بۇ تەدبىرلەر پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتىدۇ.

قارار ئارگىنالىدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەتنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولى تۈزۈملىرى تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، كېلەچەك كەسىپلىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ياخشىلاپ يۈكسەلدۈرۈشكە دۆلەتلىك ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

قارار ئارگىنالىدا ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە، يىرىك پىلان سىستېمىسى ۋە سىياسەتنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىكنىڭ مۇستەقىل مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىك باج مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنىڭ قوللاش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، مەركەزنىڭ ئىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ چىقىم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورنى ۋە ئىدارە قىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

قارار ئارگىنالىدا شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

قارار ئارگىنالىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش؛ تاشقى سودا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش؛ «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

ئىككىنچى، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەردۇق. قارار ئارگىنالىدا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدۇق.

مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەھەتتە، ئالىي مەكتەپ ئىسلاھاتىنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى يېتەكچى قىلىنغان پەن تەسىس قىلىش، تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان پەن، كەسىپلەرنى پەۋقۇلئاددە ئۇسۇلدا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەھەتتە، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتچىل داشۆلەر، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، پەن - تېخنىكا پىلانىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، ئۇل تەتقىقات ساھەسى، ئالدىنقى قاتاردىكى كىرىشمە ساھە، نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك جايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش؛ پەن تەتقىقات تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئادەتتىكى كەسپىي ئورۇنلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، كارخانىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ھوقۇق بېرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى جەھەتتە، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى تېز بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش؛ ياش ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، تاللاش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياش پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەمىناتىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتقا ھوقۇق بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى چۈشەكتىن بوشىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛ چەت ئەلدىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى قوللاش - كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتقا ئەھمىيەت بەردۇق. قارار ئارگىنالىدا «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش رامكىسى ئىچىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلارنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇردۇق.

دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىللىق ساھەسى ئىسلاھاتى جەھەتتە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئايرىم - ئايرىم ئورۇنلاشتۇردۇق. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ بۈيۈك بىرلىك سەپ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق؛ نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش؛ رېۋىزىيە ئورگىنى، گۇڭئەن ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، سوت ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، رېۋىزىيە ھوقۇقى، تەھقىقلەش ھوقۇقى، تەپتىش ھوقۇقى، سوت ھوقۇقى، ئىجرا ھوقۇقى ئۆزئارا ماسلىشىدىغان ۋە بىر - بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەھەتتە، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاش؛ مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش؛ تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ خەلقئاراغا تارقىتىش ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش جەھەتتە، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىرىم تەقسىماتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكىللىرىنى قوللاش ۋە قېلىپلىق راۋاجلاندۇرۇش؛ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنىڭ نوپۇس چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق؛ ئۆي - زېمىن كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆي - زېمىن بازىرىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تولۇق بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق؛ تېبابەت، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساغلاملىقنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ نوپۇس تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۇغۇتقا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە كۈتۈنۈش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان سىياسەت - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىيارىي، ئېلاستىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق .

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەھەتتە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق؛ رايونلار بويىچە پەرقلىق، دەل جايىدا باشقۇرۇپ تىزگىنلەيدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا مەدەت بېرىدىغان مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا سىياسەتلىرى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز پىلانلاپ قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

تۆتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بەردۇق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. قارار ئارگىنالىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىش؛ زور تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەتراپ بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش؛ جازالاشقا، ئارىلىشىۋېلىشقا، «ئۇزۇن قوللۇق قىلىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇش مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ سودا خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇن - نىزام سىستېمىسى ۋە قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىرلەشمە جەڭ قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

بەشىنچى، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەردۇق. پارتىيە رەھبەرلىكى − يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. قارار ئارگىنالىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش - ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى روشەن تۇرغۇزۇپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك، پاك - دۇرۇس كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، كادىرلاردىكى قالايمىقان ئىش قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئىشنى ياخشى قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش تۈزۈم - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى بېيىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئىجادىي تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننى بىرلىكتە ياخشى ئېچىپ، قارار ئارگىنالىغا ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


                                                                             (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)