جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى
ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى
«شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە» قاراپ چىقىلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكلەر تېز يېتىلدۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرلەر كۆپىيىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا بۆلۈنۈش كۆرۈلدى، نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىدا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق مەۋجۇت. بۇلار تەرەققىيات داۋامىدىكى، تىپ ئۆزگەرتىش داۋامىدىكى مەسىلىلەر، بىز ھەم خەۋپ - خەتەر ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشىمىز، ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى پارلاق دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ھالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن، ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ۋەيران بولۇپ چېكىنىپ چىقىش قاتارلىق بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەزى جايلارنىڭ مەمۇرىي ۋاسىتە، جىنايى ئىشلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ماجىراغا ئارىلىشىشىنى توسۇش ۋە تۈزىتىش كېرەك. كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش داۋامىدا دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماكرو سىياسەتتە سىجىل كۈچەش، تېخىمۇ كۈچەش كېرەك. تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بېكىتىلگەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، مىقدارنى ئاشۇرىدىغان بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەرنى بالدۇر زاپاس ساقلاش ھەم مۇۋاپىق پەيتتە يولغا قويۇش كېرەك. مەخسۇس تۈر زايومى تارقىتىش، ئىشلىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايومدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە كۆپ مىقدارلىق چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قوراللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. ماكرو سىياسەت يۆنىلىشى بىلەن بولغان بىردەكلىكنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئورتاق تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەرنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ قارىتىپ، كۆپ يول ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەر توپىنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى ئىستېمالنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى تەربىيەلەش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىستېماللارغا مەدەت بېرىش كېرەك. خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۆكەن كارخانىلار، كەركىدان كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قوللاش كېرەك. ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئىچكى قىسىمدا رىقابەتلىشىش شەكلى»دىكى يامان غەرەزدە رىقابەتلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بازار ئارقىلىق ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، قالاق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، تاشقى مەبلەغنىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىگە كىرىشىگە چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى «نۆللەشتۈرۈش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئارىلىق مەھسۇلات سودىسى، يېشىل سودىنى كېڭەيتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساقلانما مىقدارنى ھەزىم قىلىش بىلەن كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋېلىپ كاپالەتلىك تۇرالغۇغا ئىشلىتىشكە پائال مەدەت بېرىپ، ئۆي تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يەرلىكنىڭ قەرزنى تۈگىتىدىغان بىر يۈرۈش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىت يارىتىپ يەرلىكنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىلىرىنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تېز تۈگىتىش كېرەك. خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا نوپۇسى كۆلەملىك نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسقا قارىتا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى زىچ توقۇپ پۇختىلاش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تومۇز ياز پەللىسىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەتقىق قىلىش، پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل ئىللەت، ئۇنى جەزمەن زور كۈچ سەرپ قىلىپ قەتئىي تۈزەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق بىلەن پۇت - قولنى چۈشەپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەسلىكى، مەركەز قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى قەرەللىك ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن كۈچ قوشۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى يەنىمۇ قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە ھۆججەتنى ئىخچاملاپ، يىغىننى ئاددىيلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ، زىيادە كۆپ، زىيادە مۇرەككەپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىن كادىرلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بەرپا قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى ئىخچاملاپ، بەرپا قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، بىرنى بايقىسا بىرنى تۈزەش؛ بەلگىلىك تىپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەرگە قارىتا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەخسۇس تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.