​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2024-08-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى​

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى​

لى چياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى چياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى ئوۋياڭ چاڭچيۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تامامەن قوۋۋەتلىدى ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ كەسىپ ۋە تېخنىكا ئاساسىنى پۇختىلاش، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەبىئىي بايلىقنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، بىيو ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەيۋەن مەبلىغىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى سالمىقىنى زورايتىش، كارخانا ۋە ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يەنە يېڭى قەدەم تاشلىدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بۇ، تەرەققىيات داۋامىدىكى، تىپ ئۆزگەرتىش داۋامىدىكى مەسىلە، تىرىشىش ئارقىلىق تامامەن يەڭگىلى بولىدۇ. بىز تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، مەسىلە ۋە خىرىسقا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئەمەلىي بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىسى ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى پارلاق دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، يەرلىكنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى پەسەيتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقە باغلىغان ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مۇھىم پىرىنسىپى ۋە مۇھىم تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، بىرلىك سەپنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەۋى تونۇشنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەت ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يېڭىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەر ھەمدە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەتقىق قىلىش، پىلانلاش خىزمىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، جياڭ لىپىڭ، ئەن لىجيا، لى لىن قاتارلىقلار بار.