​ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاش كېرەك

2024-10-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ جۇڭگو خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى ئىلھاملاندۇردى​

ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاش كېرەك

جاۋاب خەت

جۇڭگو خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سىلەر مۇسابىقىنى سۇپا قىلىپ، دەرسخانا ۋە تەجرىبىخانىدا ئۆگەنگەن بىلىمىڭلار ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئىقتىدارىڭلارنى ئاشۇردۇڭلار، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈردۈڭلار، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل ياشلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈردۈڭلار، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەنبەسى، ياشلار يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم جەڭگىۋار قوشۇن. سىلەرنىڭ ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. پۈتكۈل جەمئىيەت ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى يارىتىپ، كەڭ ياشلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىپايان زېمىنىدا تالانتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ

2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەر مۇسابىقىنى سۇپا قىلىپ، دەرسخانا ۋە تەجرىبىخانىدا ئۆگەنگەن بىلىمىڭلار ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئىقتىدارىڭلارنى ئاشۇردۇڭلار، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈردۈڭلار، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل ياشلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈردۈڭلار، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەنبەسى، ياشلار يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم جەڭگىۋار قوشۇن. سىلەرنىڭ ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. پۈتكۈل جەمئىيەت ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى يارىتىپ، كەڭ ياشلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىپايان زېمىنىدا تالانتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى سەھنە بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان. بۇ يىللىق مۇسابىقە 153 دۆلەت ۋە رايوندىكى 20 مىليوندىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 40 مىڭغا يېقىن خەلقئارا ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. يېقىندا، مۇسابىقىگە قاتناشقان 25 ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، دەۋر بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.