پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك فۇنكسىيەلىك بايلىقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024-10-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جۇڭگو بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك فۇنكسىيەلىك بايلىقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى. جۇڭگو بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئايلانما پايدىلىنىش، كېرەكسىز بۇيۇمنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك، ئىقتىدار خاراكتېرلىك بولغان بايلىقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بايلىقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان بايلىقتىن ئايلانما قايتا پايدىلىنىش كەسىپ گۇرۇھى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «دۆلەت كوماندىسى»نىڭ باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشتى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، تيەنجىن شەھىرى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.