مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2024-10-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارماقلار ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەۋەلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، چەكلەش، جازالاش، تەنبىھ بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ـ تۈزۈملەرنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى تۆلەشكە دائىر قانۇن ـ نىزام سىستېمىسى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنى ۋە تۈر مەبلىغىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، مەبلەغ ئاجرىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇش پۇلىنى راسچوت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش چىقىمىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ھەم قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ چىقىمنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە ئەلالاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇل جەھەتتىكى ئەرزىنى باشقۇرۇشنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى توختامغا خىلاپلىق قىلىپ نېسى قالدۇرۇشنى تىزىملايدىغان (ئەرز قىلىش) مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇپا قۇرۇش كېرەك. ئەرز قىلىشنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، چەكلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي كاپالەت ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ نېسى قالدۇرۇش سەۋەبى ھەم ئالدىنى ئېلىش، ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇل مەسىلىسىنى بىرلىكتە ھەل قىلىش كېرەك. لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش، تەنبىھ بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ كارخانىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش، كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئۆز ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.