دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو - چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ئىككى تەرەپ ئورتاق كېڭىشىش ئارقىلىق جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياكى ۋەكىللىرى، ئالاقىدار رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، فېڭ شىنرەن) 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو - چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى مياۋ دېيۈ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
مياۋ دېيۈ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «تەرەققىيات، گۈللىنىش توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىش، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەسلەپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە كەڭ ئىستىقبالىنى بايان قىلىپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەشەببۇسى ۋە يېڭى تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ. يىغىندا نۇرغۇن نەتىجە ھۆججەتلىرى ماقۇللىنىلىدۇ، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى - ئاشلىق، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە - قېزىلما بايلىق ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ.
مياۋ دېيۈ مۇنداق دېدى: ئون يىل ئىلگىرى، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى بىلەن ئومۇمىي ھەمكارلىقنى تەڭ يولغا قويۇپ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى باسقۇچ رەسمىي باشلانغانىدى. ئون يىلدىن بۇيان، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى «تۆت ئاتلىق ھارۋا» دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتى، دۆلەت ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇمىي ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى. جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى رەسمىي يۈرۈشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى پەيتىدە، 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ قوللانغان ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىق مۇساپىسىدە مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئېنىق سىگنالىنى تارقىتىدۇ.
مياۋ دېيۈ مۇنداق تەكىتلىدى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونى يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىدا زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قويۇق ھەمتۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى بىۋاسىتە تۈزۈپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يېڭى باسقۇچىغا كىرىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇن قوشتى. زومىگەرلىك، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى تەشەببۇس قىلىش − جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئىككى تەرەپ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوللايدۇ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللايدۇ، يەككە تەرەپچىلىككە، ئىقتىسادىي زومىگەرلىككە قارشى تۇرىدۇ، ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، لاتىن ئامېرىكىسى تەرەپ بىلەن تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ھەمكارلىق كاتتا پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىكتە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
مياۋ دېيۈ يەنە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى ۋە دۇنياۋى سودا قاتارلىقلار توغرىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.