شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2025-05-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، خۇاڭ خې) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن موسكۋادىكى كىرېمىل سارىيىدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بايا مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن چوڭقۇر ۋە دوستانە، مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن يېڭى، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى بىرلىكتە ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ كۆپلىگەن ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشىغا گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: رۇسىيە مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ كۆپ زىيارەتتە بولغان دۆلەت، بۇ، رۇسىيەگە 11 - قېتىم كېلىشىم. ئەتە، مەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىمەن، بۇ ھەم مېنىڭ ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بۇ كاتتا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىم بولۇپ قالىدۇ. ئۆتكەن ئون يىل خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور داۋالغۇش، زور ئۆزگىرىش بولغان ئون يىل، شۇنداقلا جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى زور دەرىجىدە راۋاجلانغان، زور ھالقىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئون يىل بولدى. بىز بىرلىكتە جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەنلىكى ۋە چوڭقۇرلاشقانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ بارغانسېرى يۈكسىلىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق. دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن چىن دوستلاردىن بولۇش كېرەك. 80 يىل ئىلگىرى، مىلىتارىزم ۋە ناتسىزمنىڭ تۆمۈر تىرناقلىرى ئالدىدا، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى، خەلقى بىر سەپتە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، تىللاردا داستان بولغان تارىخىي سەھىپىنى پۈتتى. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قانلىق كۈرەشلەردە تاۋلىنىشتىن مۇجەسسەملەنگەن ئۇلۇغ دوستلۇقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن ۋە مۇستەھكەم بولغان ئەتىگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇش كېرەك. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ ئۆزئارا زور مىقداردا جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بېرىشتىن، بۈگۈنكى كۈندە ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىدا كۆپ قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشقىچە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ «يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى» تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، داۋان ئېشىپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئىنتايىن قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىپ، دۇنيا تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشۇشى كېرەك.

ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ئۇل سالدى. خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مۇقىم، ئاكتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت داۋاملىق قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. دۇنيانىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلىشى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت ۋە مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى زىممىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بوران - چاپقۇنلاردا بىللە بولۇپ، ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۈكسەكلىكى، ئۆلچىمى، ئېلاستىكلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشۇشى، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.