شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭتۇڭى، بىرما رەھبىرى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى، ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى، سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

2025-05-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاۋ يەن، جاۋ بىڭ) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 5 - ئايدا مەن سېربىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم. بىر يىلدىن بۇيان، يېڭى دەۋر جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، نەتىجىسى ھەممىگە ئايان. دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، قاتمۇقات خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس گىرەلەشكەن ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - سېربىيە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەۋرەنمەس دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يۈرۈشۈشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى بىلەن سېربىيە خەلقى فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى جەڭ مەيدانلىرىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش نەتىجىلىرىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ۋۇچىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك دوستى، ئىزچىل تۈردە سېربىيەگە خالىس مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، سېربىيەنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچ قوشتى. سېربىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىدۇ، باشتىن - ئاخىر تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ. سېربىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سېربىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ 2027 - يىللىق بېلگراد كەسپىي تۈردىكى دۇنيا كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سېربىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتتى، سېربىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ يەككە تەرەپچىلىككە، قورۇقچىلىق ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، لى مىڭ) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە بىرما رەھبىرى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرما جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەت ئورتاق تەشەببۇس قىلغان تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە ۋەنلۇڭ روھىنى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەپ، دەۋر قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندۈردى. بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، تەقدىرداش بولۇش ئىدىيەسى ۋە فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرما تەرەپ بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىدۇ. يېقىندا، بىرمىنىڭ ماندالايدا يۈزبەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى، جۇڭگو تەرەپ ئەڭ بالدۇر قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى ياردەم قىلدى، داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، بىرما تەرەپنىڭ يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا مەدەت بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرمىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي قارالمىلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. بىرما تەرەپنىڭ بىرمىدىكى جۇڭگو تەرەپ خادىملىرى، ئاپپاراتلىرى، تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتكە كۈچەپ زەربە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

مىن ئاڭلەي مۇنداق بىلدۈردى: بىرما يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ بىرىنچى ۋاقىتتا بىرما تەرەپتىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئەڭ بالدۇر بىرمىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ ھەم بىرمىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، بىرمىغا بولغان قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتى ۋە ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان چىن ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى، بىرما خەلقى بۇنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىرما تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىشىنىشىگە ئەرزىيدىغان مەڭگۈلۈك دوست قوشنىسى بولۇشنى خالايدۇ. بىرما تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرمىدىكى تۈرلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن خاۋ، پېڭ پېيگېن) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن يولداش رەئىس بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش تېخىمۇ چوڭقۇر، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تېخىمۇ زىچ، خەلق رايى ئاساسى تېخىمۇ پۇختا بولغان يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپ بىلەن تەۋرەنمەس دوستلۇقنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئۈلگىسىنى تىكلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - كۇبا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قەتئىي تۈردە كۇبانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە قامال قىلىشىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللايدۇ، كۇبانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللايدۇ. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق سىياسىيسى ۋە يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.

دىئاز - كانېل مۇنداق بىلدۈردى: كۇبا بىلەن جۇڭگو يېقىن دوست ۋە قېرىنداش، كۇبا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۇبانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. كۇبا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى خالايدۇ. كۇبا تەرەپ ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شى شياۋمېڭ، دەن رەن) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا تەۋرەنمەس دوستلۇق ئورناتتى. 2023 - يىلى بىز جۇڭگو - ۋېنېزۇئېلا دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىمىزنى ئورتاق جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى كۆپەيدى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى سىجىل ئېشىپ، سېلىنما ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ دوستلۇقى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مادۇرو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۇلۇغ دوستى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزچىل تۈردە ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا خالىس مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا پارلاق مەنزىل ئېچىپ بەردى. ۋېنېزۇئېلا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن لياڭ، شاۋ يىبو) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئۇيغۇن. بۇلتۇر 11 - ئايدا سىز جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش پائال ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو - سىلوۋاكىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىردى. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىقلارنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - سىلوۋاكىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيەنىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، سىلوۋاكىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىلوۋاكىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيە قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

فىسو مۇنداق بىلدۈردى: سىلوۋاكىيە - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىلوۋاكىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. سىلوۋاكىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. ساغلام، مۇقىم بولغان ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، سىلوۋاكىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانى ۋە ئىجابىي رولىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپچىلىكتە ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا قائىدىسىنى قوغداشنى، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.