جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى

2025-05-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جەنۋە، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارخەن جيې، چېن جۈنشيا) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ئىشلىرى جۇڭگو تەرەپ باشلامچىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ ئامېرىكا تەرەپنىڭ باشلامچىسى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بېسسېنت ۋە سودا ۋەكىلى گرېر بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلاشقاندىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ سەمىمىي، چوڭقۇر، ئىجابىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، سۆھبەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولدى.

خې لىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش. تەرەققىيات باسقۇچى، ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئوخشىمايدىغان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدا ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىشنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئەھۋال، ئاچقۇچلۇقى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، باراۋەر سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، جۇڭگو تەرەپ سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئۇرۇش قىلىشتىنمۇ قورقمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ جاھىللىق بىلەن جۇڭگو تەرەپنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، جۇڭگو تەرەپ قەتئىي قارشى جازا قوللىنىدۇ، ئاخىرىغىچە تەڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى قوغداش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىپ، ھەمكارلىق تورتىنى چوڭايتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشۇشى كېرەك.

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاشقا بىردەك قوشۇلدى.