ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلغان، بۇ، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ساقلاپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، مەسىلىلەرنى سىجىل بايقاپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.