شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن مو، جېڭ كەيجۈن) شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بېيجىڭغا قايتتى.
موسكۋادىن ئايرىلىدىغان چاغدا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى چېرنىشېنكو قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
رۇسىيە تەرەپ ئايرودۇرۇمدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.
شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ قوغدىدى.
ئايرودۇرۇمغا كېتىۋاتقان يولدا، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى ھەمدە جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى ۋە رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە جۇڭگو ۋە رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدىكى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.