مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش، تارىخنى كەلگۈسى ئۈچۈن ئەينەك قىلىش

2025-05-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە سەپىرىدە تارىخقا نەزەر سېلىپ، كەلگۈسىنى كۆزلىدى، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەققانىيەتنى قوغدىدى، زىيارەت تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 2025 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سەپەر ئاخىرلاشقان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىللە بارغان مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان 11 ـ قېتىم رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى. يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە تارىخقا نەزەر سېلىنىپ، كەلگۈسى كۆزلەندى، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىنىپ، ھەققانىيەت قوغدالدى، زىيارەت تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. زىيارەت كۈنتەرتىپى مول، پائالىيەت زىچ بولدى، رەئىس شى جىنپىڭ 20 مەيدانغا يېقىن ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتكە قاتناشتى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتى، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت ئىكەنلىكى، 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىگە خىرىس قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، دۇنيادا ئادىللىق بولۇش، زومىگەرلىك بولماسلىق دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى. دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئاممىۋى پىكىر بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تولۇق، چوڭقۇر خەۋەر قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو ـ رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، دۇنيانى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداشقا يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا سىياسىي ئەندىزىنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش ياخشى قوشنىلار، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن ھەقىقىي دوستلار. ئىككى دۆلەت ئورتاق تارىخىي ئەسلىمىگە ئىگە بولۇپ، چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئورنىتىپ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى چوڭ قوشنا دۆلەت ئارىسىدىكى توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى ئىزدىنىپ تاپتى. مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مەنىۋى ئىچكى يادروسىغا ئايلاندى. 70 نەچچە يىل بوران ـ چاپقۇن ۋە جەبىر ـ جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى تەمكىن بولدى، ئىشەنچكە تولدى، مۇقىم، مۇستەھكەم بولدى، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن 40 نەچچە قېتىم ئۇچرىشىپ، چوڭقۇر ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە سەمىمىي دوستلۇق ئورناتتى. رۇسىيە تەرەپ بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىززەت ـ ھۆرمەتتە كۈتۈۋالدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ قوغدىدى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇزىتىپ قويدى. زۇڭتۇڭ پۇتىن كىرېمىل سارىيىدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن چاي ئىچكەچ سۆھبەتلەشتى ھەم كىچىك دائىرىلىك، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاقتى 10 سائەتكە يېقىنلاشتى. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجىسى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىنى بىرلىكتە ئىمزالاپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە چىقارغانلىقى بولدى. ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر قارشى تەرەپنى ئالدى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھى دەپ قاراپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋە چوڭقۇر ئۆزئارا ئىشىنىشكە كاشىلا قىلىدىغان، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنى ئورتاق توسۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئېنىق تارىخىي لوگىكىغا، قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، چوڭقۇر مەدەنىيلىك ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، 3 ـ تەرەپكە قارىتىلمىغان، شۇنداقلا 3 ـ تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرسىلا، ھەرقانداق كۈچ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى توسۇيالمايدۇ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان خەلق رايى مايىللىقىنى توسۇيالمايدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى توسۇيالمايدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق تەكىتلىدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولدى، بىر ـ بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى مۇستەھكەم. قەتئىي تەۋرەنمەي رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ھەرقانداق تاشقى كاشىلىغا ئۇچرىمايدۇ. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ھەر قېتىملىق ھەمتۈرتكە بولۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە جۇڭگو ـ رۇسىيە دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان، دۇنيا تەرتىپىنى قوغدايدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچ قىلىپ بېكىتىپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. جۇڭگو ـ رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا قوزۇق قېقىشقا ئۇرۇنۇش پەقەت بىر مەيدان قۇرۇق خىيال.

ئەمەلىي ھەمكارلىق جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلار، جۇڭگو ئۇدا 15 يىل رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىلىق ئورنىنى ساقلاپ كەلدى، بۇلتۇر ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى قارشى شامالدا 244 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. رۇسىيە جۇڭگونى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتكە ئايلاندى، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، تەرەققىيات بوشلۇقى زور. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ يەنە 20 نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى، كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تورتىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىقتىساد ـ سودا ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى پۇختىلاپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىق ھەمكارلىقىنى قوللاپ، يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە ـ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىشكە بىردەك قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ يېڭى نۇسخىدىكى مەبلەغ سېلىشنى قوغداش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇردى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «جۇڭگو ـ رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى» قالتىس نامايان قىلىنىپ، «جۇڭگو قىزغىنلىقى» رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىجىل ئەۋج ئالماقتا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «قىزىل يىپەك» ناملىق كىنو كەڭ دائىرىدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى، ئىككى دۆلەت ئىنقىلابچىلىرىنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان ھېكايىسى زور تۈركۈم كۆرۈرمەنلەرنى تەسىرلەندۈردى. ئىككى تەرەپ مائارىپ، ياشلار، تاراتقۇ، كىنو قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن بەلگىسى. جۇڭگو ـ رۇسىيەنىڭ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى قاتارلىق زور مەسىلىلەردىكى مەيدانى يۈكسەك بىردەك، ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە زىچ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ دۇنياۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆز خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنى چۆرۈپ تاشلاپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپ ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجابىي چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش ـ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشنى تەكىتلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى، پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تۈرلۈك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدە، جۇڭگو تەرەپ تىنچلىققا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دۇنياۋى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كىرىزىس پەيدا قىلىدىغان مەنبەنى تۈگىتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدىكى ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيدانىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، ئالدىنقى شەرت بېكىتمەي تىنچلىق سۆھبىتى باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى، ئادىل، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئۆزگىرىش خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى نورمال ھالەت، ئۆزگەرمەيدىغىنى جۇڭگو ـ رۇسىيە ئارىسىدىكى بىر ـ بىرىگە ئىشىنىش، بىر ـ بىرىنى قوللاش. جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى چوڭ دۆلەت مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ زىچ ھەمكارلاشسىلا، خەلقئارا تەرتىپ قالايمىقانلىشىپ كەتمەيدۇ، دۇنيا ھەققانىيىتى يىقىلمايدۇ، زوراۋانلىق سىياسىيسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە تەمكىن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ساھەگە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

ئىككىنچى، تارىخىي ئەسلىمىلەرنى ساقلاپ، 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قوغداش

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: مىلىتارىزم ۋە فاشىزم كۈچلىرى قوزغىغان 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانلارغا مىسلىسىز بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى. 80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلغار كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە بىر سەپتە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، زوراۋانلىقتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، ھەققانىيەت رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غالىب كەلگەن ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە ئۇل سالدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «9 ـ ماي» غەلىبە كۈنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا يەنە بىر قېتىم قاتنىشىشى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ بىر بۆلەك پەۋقۇلئاددە يىللارنى قايتا ئەسلەپ، توغرا بولغان 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداش ئۈچۈن. زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىكى ئەڭ ئەزىز مېھمان قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قىزىل مەيداندا بىرلىكتە كاتتا ھەربىي پاراتنى كۆردى، بىرلىكتە نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى، ئەڭ داغدۇغىلىق مۇراسىم ئارقىلىق قان كېچىپ باتۇرانە جەڭ قىلىپ قۇربان بولغان قەھرىمانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى چاسا ئەترىتى رەتلىك قىياپىتى، مەردانە روھىي ھالىتى بىلەن قىزىل مەيداندىكى ھەربىي پاراتقا يەنە بىر قېتىم قاتنىشىپ، جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ تىنچلىقنى قوغداشتىكى پولاتتەك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپون مىلىتارىزمى ۋە گېرمانىيە ناتسىزمىغا زەربە بېرىشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بۇرمىلايدىغان، 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ تارىخىي تۆھپىسىگە قارا چاپلايدىغان بارلىق سۇيىقەستلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى ئېچىش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. رۇسىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت جاپالىق ئۇرۇش يىللىرىدا ئۆزئارا قوللاپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە پۇختا ئاساس سالدى. ئىككى تەرەپ تارىخنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشقا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، توغرا تارىخىي باياننى قوغدىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: 80 يىل ئىلگىرى، 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسى ئاساسىدا، جۇڭگو ـ رۇسىيە فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ مۇھىم ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى ئورتاق تۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر تىنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە تىرەك بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ بولۇش ئاساسىي ئەندىزىسىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. 80 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مىسلىسىز زەربىگە ئۇچرىدى. ئايرىم دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، زوراۋانلىق، زومىگەرلىك قىلىش بىلەن ھەدەپ شۇغۇللىنىپ، يەككە تەرەپچىلىكنى كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، ئاتالمىش ئۆزى بېكىتكەن قائىدىنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇندى. رەئىس شى جىنپىڭ مەردانە ـ جاراڭلىق ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق قانچە گىرەلىشىپ كەتكەنسېرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىدا شۇنچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قوغداش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مۇقىم، ئاكتىپ، ئىلغار كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت داۋاملىق قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى سوممىلىق تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش قائىدىگە خىلاپ ھەم قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، پەقەت ئۆزىگە زىيان سالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن يەككە تەرەپچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، گۇرۇھلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايمىز. جۇڭگو ـ رۇسىيە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى يەنە بىر قېتىم ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى ھەم خەلقئارا قانۇن ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئومۇميۈزلۈك رىئايە قىلىشنى تەكىتلەپ، يەككە تەرەپلىك چەكلەشنى قالايمىقان يولغا قويۇش ۋە «ئۇزۇن قوللۇق قىلىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۈزدە، جۇڭگومۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى نامايان قىلىپ، تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت ۋە خەلق بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە تارىخنى ئەستە ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. بۇ تارىخقا نەزەر سالساق، بولۇپمۇ شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، تەيۋەننىڭ جۇڭگو قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى دەل 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ نەتىجىسى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «قاھىرە خىتابنامىسى»، «پوتسدام ئاخباراتى» قاتارلىق خەلقئارا قانۇن كۈچىگە ئىگە بىر قاتار ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگونىڭ تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ تارىخىي ۋە قانۇن پاكىتى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758 ـ نومۇرلۇق قارارىنىڭ نوپۇزىغا خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ. تەيۋەن ئارىلىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، تاشقى كۈچلەرنىڭ قانداق پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ھامان بىرلىككە كېلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدىغان تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق تەكىتلىدى: رۇسىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەن مەسىلىسىدە باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قوللايدۇ. سېربىيە، كۇبا، ۋېنېزۇئېلا، سىلوۋاكىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىردەك بىلدۈرۈپ، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى دەپ قارىدى.

ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاچچىق تەجرىبە ـ ساۋىقىغا ئۇزاق بولمىدى، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان زومىگەرلىك ۋە كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يۇتۇۋالىدىغان ئورمان قائىدىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە ھەرگىز بولمايدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان خەلق جەزمەن ئىسسىق قان ۋە ھايات ئارقىلىق پۈتۈلگەن تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە نەتىجىسىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

ئۈچىنچى، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەڭ كەڭ خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، زوراۋانلىق سىياسىيسى، زومىگەرلىك كېڭەيمىچىلىكى قايتا باش كۆتۈردى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، دىپلوماتىيە سىياسىتىمۇ پەرقلىق، لېكىن بىر نۇقتا بىردەك، يەنى ھەممىسى كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، يەككە تەرەپلىك قىلمىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك، دەپ قارايدۇ، ھەممىسى ئەركىن سودىنى قوللايدۇ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، ھەممىسى «زوراۋانلىق ھەققانىيەت دېمەكتۇر» دېگەن زۇلمەتلىك دۇنياغا قايتىشنى خالىمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ئورنى ۋە تەسىرىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيادا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مۇقىم ۋە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئۈچ چوڭ قىتئەدىن كەلگەن نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاش، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، زوراۋانلىق ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى.

بۇ يىل 3 ـ ئايدا، بىرمىنىڭ ماندالايدا يۈزبەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ۋە مال ـ مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى. جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىرىنچى ۋاقىتتا قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، 13 تۈركۈم جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم بېرىش، سەھىيە ـ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرما تەرەپنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ بىرما رەھبىرى مىن ئاڭلەي بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندە، داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى، بىرما خەلقىنىڭ يۇرت ـ ماكانىنى قايتا قۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرما تەرەپ چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرمىغا ئەڭ بالدۇر ياردەم بەرگەنلىكى ھەم بىرمىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا باشلامچىلىق بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى بىرمىغا بولغان قېرىنداشلىق مېھرى ۋە ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان چىن ھېسسىياتنى نامايان قىلدى، بىرما خەلقى بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ، دەپ بىلدۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بىرمىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەت ئىچى سىياسىي قارالمىلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ. بىرما تەرەپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقى، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرمىدىكى تۈرلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى داۋاملىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باندۇڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ـ بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەككە تەرەپلىك چەكلەش، زومىگەرلىك قىلىپ بوزەك قىلىشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز ـ كانېل، ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تاشقى ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىگىلىك ھوقۇقى مۇستەقىل دۆلەتلەر، بىركىمنىڭ «ئارقا ھويلىسى» ئەمەس. بۇ يىل جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى رەسمىي يۈرۈشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ رايون دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندىلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ـ ئۆزىگە ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقئارا قائىدىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئورتاق تونۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى. سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئېچىۋېتىش ـ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ تەرەپچىلىككە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش نەتىجىلىرىنى قوغداپ، دۇنيا ئەركىن سودا تۈزۈلمىسى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك دوستى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداشتىكى جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتتى، دەپ قارايدۇ. زۇڭلى فىسو مۇنداق بىلدۈردى: ساغلام، مۇقىم بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، سىلوۋاكىيە بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق مەسىلىلەردە قوللانغان ھەققانىي مەيدانىنى ئالقىشلايدۇ.

ۋاڭ يى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى رۇسىيە سەپىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىنى پىلانلىشىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم ھەرىكەت، شۇنداقلا شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. يەككە تەرەپچىلىك بىلەن كۆپ تەرەپچىلىك كەسكىن ئېلىشىۋاتقان، زومىگەرلىك ئورنىنى قوغداش بىلەن زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش چوڭقۇر كۈچ سىنىشىۋاتقان ئاچقۇچلۇق تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، يەنە بىر قېتىم باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئېقىمدا مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى تەرەپتە تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ئىشىنىشكە بولىدىغان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تېخىمۇ روشەن تىكلىدى. خەۋپ ـ خەتەر ئالدىدا تىنچلىق ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىدى؛ دەھشەتلىك دولقۇن قىرغاققا ئۇرۇلغاندا ھەمكارلىق يەلكىنىنى ئېگىز چىقاردى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىدىغان، تېخىمۇ ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.