
ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزاھلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، خاتىمىدىن باشقا ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم: جۇڭگو ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشتى؛ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش؛ تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى مۇستەھكەملەش، خەۋپسىزلىك داۋامىدا تەرەققىياتنى كۆزلەش؛ دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق بىلەن دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىنى ساقلاپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنياغا ئىشەنچلىك مۇقىملىق قوشتى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەن تۇنجى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشقان مۇھىم ئىدىيەۋى - نەزەرىيە تۆھپىسى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۇ، ئومۇمىي، سىستېمىلىق، نىسپىي بولغان زور خەۋپسىزلىك، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى نېگىز، دۆلەت مەنپەئىتىنى مىزان قىلغان خەۋپسىزلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشىلىدىغان خەۋپسىزلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە تىرەك بولىدىغان خەۋپسىزلىك، قانۇنچىللىق يولىدا ئۆلچەملىك يۈرۈشىدىغان خەۋپسىزلىك.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئادا قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ. جۇڭگو تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ماس يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىشىش ۋە مېخانىزملىشىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەمتۈرتكە بولىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭدە قوللىنىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارىنى تاۋلاپ چىقىدۇ.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ھەم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ «خەۋپسىزلىك سەھىپىسى»، ھەم ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ «دۇنيا سەھىپىسى». جۇڭگو ئۆز خەۋپسىزلىكى ۋە ئورتاق خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.