گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بەلگىسىنى ئېلان قىلدى

2025-05-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

http://uy.ts.cn/pic/003/528/977/00352897797_8380a745.png

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسىگوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بۈگۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بەلگىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

بەلگە سەددىچىن سېپىلى، زەيتۇن شېخى، شانلىق نۇر، «80» دېگەن رەقەم، «2025 − 1945» دېگەن ۋاقىتتىن تەركىب تاپقان. سەددىچىن سېپىلى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان ئۇلۇغ مىللەت روھىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. زەيتۇن شېخى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى جاپا ـ مۇشەققەتلىك مىسلىسىز ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ، غەلىبە ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەيدىغانلىقى، تىنچلىقنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شانلىق نۇر بىلەن ئورالغان غەلىبە دەرۋازىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ ھەققانىيەت رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، ئىلغارلىق ئەكسىيەتچىلىك ئۈستىدىن غالىب كەلگەن ئۇلۇغ غەلىبە ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىقبالىنىڭ چەكسىز پارلاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بەلگىنى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى مۇھىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق ـ تەربىيە پائالىيىتى ھەم ئالاقىدار تاشقى ئىشلار پائالىيىتى بۇيۇملىرىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ.