− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى نى سىيى، ياڭ يىجۈن
«دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە.»
بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئون نەچچە يىل ئىلگىرى چىقارغان چوڭقۇر ھۆكۈم. كۈنلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى، تۆت پەسىل تەرتىپ بىلەن ئالماشتى. بۇ سۆز نۇرغۇن چوڭ ئىشلاردا قايتا - قايتا دەلىللەندى.
ئىنسانلار تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. ئىتتىپاقلىشىش كېرەكمۇ ياكى بۆلۈنۈش كېرەكمۇ، سۆھبەتلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ، ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ ياكى نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش كېرەكمۇ، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك «دەۋر سوئالى»غا بىر قېتىملىق رۇسىيە سەپىرىدىن جاۋابىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
5 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
سائەت ئىسترېلكىسى ئون يىل ئىلگىرى 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان پەيتكە قايتىپ كەلگەندەك قىلاتتى. ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ۋە شان - شەرەپكە تولغان موسكۋا قىزىل مەيدانىدا، ئوخشاش ئاۋاز ئاسماننى زىلزىلىگە سالدى، ئوخشاش مەزمۇت قەدەم تاشلاندى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دۇنيادىكى ئىشلارمۇ ئۆزگىرىدۇ. ھەر كۈنى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئەمما ھەمىشە بىر كۈچ ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت بولدى، ھەمىشە بىر خىل روھ دەۋرنىڭ ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
ئۇ، «بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇش» ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، «مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش»تىكى جاسارەت. خەۋپ - خەتەر ئالدىدا تىنچلىق ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى؛ دەھشەتلىك دولقۇن قىرغاققا ئۇرۇلغاندا ھەمكارلىق يەلكىنىنى ئېگىز چىقاردى.
شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچقۇرۇن، شەپەق نۇرى ئاسماننى قاپلىدى، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشتى. ئايرودۇرۇمغا كۈتۈۋېلىشقا چىققان رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى گولىكوۋا بىر پارچە ماقالىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممەيلەن زور قىزىقىش ئىچىدە سىزنىڭ <رۇسىيە گېزىتى>دە ئېلان قىلىنغان ئىمزالىق ماقالىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ قاتتىق ھاياجانلاندۇق، چوڭقۇر تەسىرلەندۇق».
رەئىس شى جىنپىڭ ماقالىسىدە مۇنداق يازغانىدى: «مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىش سەۋەبىدىن قايمۇقۇپ قالماي، بوران - چاپقۇننىڭ توسقۇنلۇقىدىن قورقماي، جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىملىقى ۋە مۇستەھكەملىكى ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك».
(1) زىيارەت ۋاقتى:
«يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ تەمكىن بولدى، ئىشەنچكە تولدى، مۇقىم، مۇستەھكەم بولدى»
تېخى يېقىندىلا، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر يەنە: چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، بېيجىڭ − موسكۋا قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ؟ دەپ پەرەز قىلىۋاتاتتى.
ئەمەلىيەتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەرگە قونغان شۇ پەيتتە، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىلىپ بولدى. مەيلى ئىمزالىق ماقالىدىكى «بوران - چاپقۇننىڭ توسقۇنلۇقىدىن قورقماسلىق» بولسۇن ياكى كىرېمىل سارىيىدا بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە تەكىتلىگەن «بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇپ، ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈش» بولسۇن، جۇڭگو يۆنىلىشنى قايتا - قايتا ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاشلا ئېنىق بولدى: «ئىككى دۆلەت دوستلۇقى مۇستەھكەم»، «رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ھەرقانداق سىرتنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ».
دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشى مول دىپلوماتىيە تارىخى سەھىپىسىدە ئەڭ يارقىن، ئەڭ كۈچلۈك سەھىپە ھېسابلىنىدۇ.
5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سەھەردە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى سەھەر شامىلىنى كۈتۈۋېلىپ كىرېمىل سارىيىغا كىردى، بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى بۇرۇنقىدەكلا گۈزەل ئىدى. گىئورگى زالىدا ئىككى نەپەر دۆلەت باشلىقى بىر - بىرىگە قاراپ مېڭىپ كېلىپ، چىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
تارىخ بىلەن رېئاللىق، دۆلەت بىلەن دۇنيا، ھازىر بىلەن كەلگۈسى، كۆپچىلىكنىڭ بەس - بەس بىلەن چۈشەندۈرۈشلىرى مۇنداق بىر ئورتاق يەكۈننى كۆرسەتتى: ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيادا بۇ قېتىمقى سەپەر «چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق»نى نامايان قىلدى.
جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت ۋاقىت ئارقىلىق دوستلۇقنى مۇستەھكەملىدى، ئىشەنچنى مۇجەسسەملىدى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئىككى نەپەر دۆلەت باشلىقى 40 نەچچە قېتىم ئۇچراشتى، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە 11 قېتىم زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىم كېلىشىدە، ئۇ زۇڭتۇڭ پۇتىنغا مۇنداق دېدى: «رۇسىيە مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ كۆپ زىيارەتتە بولغان دۆلەت».
5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، زۇڭتۇڭ پۇتىن ساھىبخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن مېھمانلارنى كەڭ كۆلەمدە كۈتۈۋالىدىغان ئالدىراش بىر كۈن ئىدى، ئەمما ئۇ يېرىم كۈندىن كۆپرەك ۋاقتىنى جۇڭگودىن كەلگەن ياخشى دوستىغا ئاجراتتى. قارشى ئېلىش مۇراسىمى، سۆھبەتلىشىش، ئىمزا قويۇش ۋە ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمى، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق ئادەتتىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى كۈنتەرتىپىدىن باشقا، رۇسىيە تەرەپ يەنە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى: زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا بىر قېتىملىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
«جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئىجابىي كۈچ.» خۇددى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىغا ئوخشاش، «ئېنىق تارىخىي لوگىكىغا، قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، چوڭقۇر مەدەنىيلىك ئاساسىغا ئىگە، 3 - تەرەپكە قارىتىلمىغان، شۇنداقلا ھەرقانداق 3 - تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ».
تارىخىي لوگىكا دېگەن نېمە؟
ئىلگىرىكىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە سانسىزلىغان تارىخىي تەپسىلات تىرەك بولدى. قاينام - تاشقىنلىق يىللارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن باشلىنىپ، جاپالىق، شانلىق يىللاردا تاۋلاندى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى « بىر - بىرىنى دوستانە دۆلەت دەپ قاراش»تىن ئىجابىي ھەمراھلاردىن بولۇشقىچە، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشقىچە، يەنە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشقىچە تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. ئۆزئارا قوشنا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىپ تاپتى، بۇمۇ چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈچۈن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيدىغان داغدام يول ئېچىپ بەردى.
ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دېگەن نېمە؟
دۇنياۋىلىشىش بىلەن دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تەتۈر يول تۇتۇش كۈچ سىنىشىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، بۇلتۇر ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىدا شامالغا قارشى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ئاچقۇچ بولدى، رەئىس شى جىنپىڭ بۇنى «بارغانسېرى يۈكسىلىش» دەپ سۈپەتلىدى. ساقلانما مىقدار، ئاشۇرۇلما مىقدار، ئۆزگەرگۈچى مىقدار، ئۇ ھەمكارلىقنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولىنى ھەر تەرەپلىمە چۈشەندۈرۈپ، «مۇقىم بولۇش» ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاشنى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ تولۇقلاشنى كۆزدە تۇتتى. زۇڭتۇڭ پۇتىن بۇنىڭغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قەتئىي تەۋرەنمەي رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى».
ھەمكارلىقتا كۆزلىنىدىغىنى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، مەقسىتى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ 20 نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىقتىساد ساھەسىدە يول ئېچىش - يېڭىلىق يارىتىش بار بولۇپ، يېڭى نۇسخىدىكى مەبلەغ سېلىشنى قوغداش كېلىشىمىنى ئىمزالاش قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇردى؛ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى يەنە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىش بار بولۇپ، ئىككى تەرەپ دۇنياۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق توغرىسىدىكى قوشما بايانات، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى ئېلان قىلدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتتە سىجىل ئىنكاس قوزغىدى.
مەدەنىيلىك ئاساسى دېگەن نېمە؟
ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى يەنە بۇ قېتىم ئىمزالانغان مائارىپ، كىنو، تاراتقۇ قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ھەجىم مىقدارى چوڭ، نوپۇسى كۆپ، تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيلىكى مول، ئىلگىرىكى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشتىن بۈگۈنكى كۈندە قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تىرىشىش، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكىچە بولغان چوڭقۇر قاتلاملىق لوگىكا ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ تارىخ قارىشى، تىنچلىق قارىشى، تەرتىپ قارىشى، تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇشىدۇر. مەدەنىيلىك ئۆلچىمىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئەمەلىي ھەمكارلىشىشنىڭ ئەڭ پۇختا ئاساسى بولۇپ قالدى.
«توپا دۆۋىلەنسە تاغ ھاسىل بولىدۇ، سۇ يىغىلسا دېڭىز ھاسىل بولىدۇ.» تارىخ قانداقمۇ بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقسۇن؟ بىر خىش، بىر كاھىشتىن قوپۇرۇلغان بولغاچقا، ئاندىن بۈگۈنكىدەك شارائىت پىشىپ يېتىلگەن.
بۇ قېتىمقى زىيارەتتىكى ئەڭ مۇھىم بىر سىياسىي نەتىجە كىرېمىل سارىيىنىڭ كۇڭچۆشى زالىدا بارلىققا كەلدى. ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى بىرلىكتە ئىمزالىدى.
مول مەزمۇنلۇق تېكىست: ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتىن ئىبارەت جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن بەلگىسىنى يورۇتۇپ تۇراتتى.
«جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرسىلا، ھەرقانداق كۈچ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى توسۇيالمايدۇ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان خەلق رايى مايىللىقىنى توسۇيالمايدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى توسۇيالمايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋازى قەتئىي، كۈچلۈك ئىدى.
(2) مۇراسىم پەيتى:
«يېڭى تارىخ يارىتىش تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىق»
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ پۇتىن بالدۇرلا سىرتقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «ئەڭ مۇھىم ئەزىز مېھمان» بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سەھەردە، ئاسماندا تاڭ شەپىقى تېخى كۆرۈنمەي تۇرۇپلا، موسكۋادىكى قىزىل مەيدان ئادەمگە لىق تولغانىدى. ئاق چاچلىق ياشانغانلار، سەبىي بالىلار، ياش - ئوتتۇرا ياشلىقلار بار ئىدى، غەلىبە كۈنى يەنە خەلقنىڭ بايرىمى.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇرغان غەلىبە بايراقلىرى ئالدىدىن، گۈللەرنى كۆتۈرۈپ تۇرغان كىشىلەر توپى ئالدىدىن ئۆتتى. كوچىلاردا، كىشىلەر قىزىلبايراق ماركىلىق ئاپتوموبىل بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراقنى كۆرۈپ، بەس - بەستە توختاپ قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
قۇياش نۇرى قىزىل مەيداننى يورۇتتى. رەئىس شى جىنپىڭ كىرېمىل سارىيىغا يېتىپ بارغاندا زۇڭتۇڭ پۇتىن قىزغىن كۈتۈۋالدى.
يەنە مۇراسىمغا قاتنىشىش، ئون يىل ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى، ئۆتكەن ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.
ۋاقىت ھەرقانچە ئۇزارسىمۇ، تارىخنىڭ خاتىرىسى ۋە ھەقىقىي قىياپىتى سۇسلىشىپ كەتمەيدۇ، «بىزگە بەرگەن ئىلھامى مەڭگۈ رېئاللىقنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ».
ۋاقىت ھەرقانچە ئۇزارسىمۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى زور داۋالغۇش، زور ئۆزگىرىشتە قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرغان سىيما كەم بولمىدى. يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشلىرى ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تىنچلىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغدايدىغان كۈچ ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تارىختىن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالدى.
رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە پىيادە مېڭىپ ئاساسىي كۆرۈش سۇپىسىغا چىقتى. بىللە ئولتۇرغان ئىككى نەپەر دۆلەت باشلىقى قىزغىن پاراڭلاشتى. ۋەتەن خەۋپ ئىچىدە قېلىش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى جاپالىق كۈرەش قىلىش، ئۇلار تارىخقا قايتا نەزەر سېلىپ، بۈگۈنكى كۈننىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندى.
زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ تەبرىك سۆزىنىڭ ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى: «غەلىبە مۇقەددەس، تارىخنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، غەلىبە قىلغۇچىلارنى ھاقارەتلەشكە بولمايدۇ.» «جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى، بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى ئېچىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز».
ھەربىي پاراتتا ۋاقىت ئاساسىي ئوق قىلىنغانىدى. زۇڭتۇڭ پۇتىن پات - پات بۇرۇلۇپ، رەئىس شى جىنپىڭغا بايراق، چاسا ئەترەت، جابدۇقلارنى تونۇشتۇردى. ياش جەڭچىلەر قەددىنى تىك تۇتقانىدى، «ھۇررا» سادالىرى كۆككە يەتتى.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى چاسا ئەترىتى يېتىپ كەلدى!
قەدەملىرى مەزمۇت ۋە كۈچلۈك، سالاپىتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇنىڭ نەزەرى سەپكە ئەگىشىپ، تارىخنىڭ ئىس - تۈتەكلىرىنى كېسىپ ئۆتتى.
ئاسىيا ئاساسىي جەڭ مەيدانىدىكى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالنى ئەسلىدى. ھەربىر سۇڭ ۋەتەن زېمىنىغا ئىسسىق قان سىڭىپ كەتتى، ھەربىر قېتىملىق جەڭدە جەسۇر قامەتلەر ئېگىلمىدى. 5000 يىللىق مەدەنىيلىك زۇلمەتلىك پەيتتىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتتى، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، ئىنتايىن تەسىرلىك قەھرىمانلىق تارىخىي داستانىنى پۈتتى.
ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن پەيتنى ئەسلىدى. زۇلمەتلىك كېچە دۇنيانى قاپلىغاندا، جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ھاياتى ئارقىلىق ھاياتلىقنى قوغداپ، ئېتىقادى ئارقىلىق ئېتىقادنى ئۇلغايتتى. ئازاب - ئوقۇبەت ۋە قۇربان بېرىش بەدىلىگە تاۋلانغىنى غەلىبە بولۇپلا قالماي، يەنە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى بولدى.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئولتۇرغىنى، مەيدىسىگە لىققىدە ئوردېن ئېسىلغان 100 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچى بولۇپ، ئىسمى يېۋگېنى زىنامېنسكى ئىدى.
ياشىنىپ چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ، ھەربىي سالاپىتى ئەينى يىللاردىكىدىن قېلىشمايتتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادا ھېچقانداق كۈچ بىزنى يىقىتالمايدۇ.» بۇ، ئىسسىق قان ۋە ھاياتلىقنىڭ ئۇيۇشۇشى بەدىلىگە كەلگەن ئىلھام.
بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى: « يېڭى تارىخ يارىتىش تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىق» دېگەنىدى. ئۇ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئىمزالىغان ئاشۇ قوشما باياناتتىكى قەلەم - سىياھ ئىزلىرىغا تارىخىي ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كەلگۈسى جانلىق ۋە ئېنىق يېزىلغان.
«2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنى بۇرمىلاش، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تارىخىي تۆھپىسىنى كەمسىتىش ۋە يوققا چىقىرىش، ئازاد قىلغۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشكە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنى قەتئىي بىتچىت قىلىمىز»؛
«ئىنسانلار 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تىراگېدىيەسى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبى ۋە ساۋاقلىرىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىراگېدىيەنىڭ قايتا يۈزبېرىشىنى توسۇشى كېرەك»؛
...
ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان مۇھىم يىل شىددەتلىك بوران - چاپقۇن كۆرۈلۈۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن گىرەلەشكەن پەيتتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ».
ھەربىي پارات ئاخىرلاشتى، رەئىس شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە، قىزىل مەيداندىن پىيادە ئالېكساندىر باغچىسىغا باردى. نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسى ئالدىدا، ئۇلار سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.
بىر پولات قالپاق، بىر قىزىل بايراق، بىر دەستە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان يالقۇن.
5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشتى.
«غەلىبە كۈنى»، «ئەسكەرلەر مارشى»، «ۋەتەن قەيەردىن باشلاندى»... ئېكراندىكى كۆرۈنۈشلەر ئاھاڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ ئۆزگەردى، ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرى، تىنچلىق قۇياش نۇرى يۈزنى سىيپاپ ئۆتتى. كىشىلەر بۇنىڭ ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھېس قىلدى، ئويلاندى.
بىر تەپسىلات بار. زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ئورنىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ناخشا لەرزان ياڭرىدى. بۇنى ئوركېستىر ئالايىتەن جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمان ئۈچۈن قوشۇپ ئورۇنلىغانىدى.
رەئىس شى جىنپىڭ ئالدىغا چىقىپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئورتاق ئازاب - ئوقۇبەت تارىخى، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن بېيجىڭ بىلەن موسكۋانىڭ قەلب ئارىلىقى شۇنچىلىك يېقىن ئىدى!
1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 1945 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ ئىككى ۋاقىت، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى مىڭبىر جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە غەيرەتكە كېلىپ، غەلىبە بۇرغىسىنى ئۇزاققىچە ياڭراتتى. 35 مىليوندىن ئارتۇق، 27 مىليوندىن ئارتۇق، كۆلىمى زور، يۈرەكنى ئېزىدىغان بۇ ئىككى سان 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا جۇڭگو ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ئىدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، چۈنكى بۇ ئىككى قەھرىمان دۆلەت قەھرىمانلار روھى ئارقىلىق مىللەتنىڭ قان تومۇرىنى تاۋلاشقا ئېھتىياجلىق ئىدى؛ چۈنكى تىنچلىق ۋە ھەققانىيەت ئاسان قولغا كەلمىگەن، قول تۇتۇشۇپ قوغداش ۋە مۇھاپىزەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىدى.
«تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئۆچمەنلىكنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى يارىتىش ئۈچۈندۇر.» رەئىس شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن تارىختىن كەلگۈسىگە نەزەر سالدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بۇ يىل كۈزدە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى. ئاشۇ ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان خاتىرە كۈندە، جۇڭگو جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەيدۇ.
(3) قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش پەيتى:
«ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىش، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىر ياقىدىن باش چىقىرىش»
مۇراسىمغا قاتنىشىش ئارىلىقىدا، چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى بەس - بەستە ئالدىغا كېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ ئەھۋاللاشتى. كۆپىنچىسى قەدىناس دوستلار، بەزىلىرى بىلەن تېخى يېقىندىلا كۆرۈشكەن، بەزىلىرى بىلەن ناھايىتى تېزلا يەنە جەم بولىدۇ.
مۇراسىم ئاخىرلاشقان كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، سېربىيە، بىرما، كۇبا، ۋېنېزۇئېلا، سىلوۋاكىيە رەھبەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رەئىس شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانخانىغا كەلدى.
دۆلەت بايرىقى تەرتىپلىك ئالماشتۇرۇلدى، كۆرۈشۈش زالىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ - يېپىلىپ تۇراتتى. موسكۋادىكى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش پەيتىدە، ھەم كۆچۈپ كەتمەيدىغان قوشنىلار، ھەم «مەيلى جاھاننىڭ قەيەرىدىلا بولسۇن، خۇددى يېقىن قوشنىلاردەك ھېسسىياتتا بولىدىغان» يىراقتىكى دۆلەتلەرمۇ بار ئىدى.
ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى ھەربىر قەدەملىك تاللاش ھەيۋەتلىك دەۋر دولقۇنىدا، دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ چوڭ رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغىنى، چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ئىككى سوئال ئىدى.
بىرىنچى سوئال: ئەۋج ئېلىۋاتقان قورۇقچىلىق ئالدىدا، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تاللاشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەكمۇ؟
بۇ، كۆرۈشۈشتە ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان تېما بولۇپ، نۇرغۇن سىياسىي ئەرباب تەسىراتى ئۈستىدە توختالدى. بىر كۈن ئىلگىرى، زۇڭتۇڭ پۇتىن كۆڭلىدىكىنى بىۋاسىتە ئىزھار قىلىپ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى سوممىلىق تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش قائىدىگە خىلاپ ھەم قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، پەقەت ئۆزىگە زىيان سالىدۇ».
جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيا ئەركىن سودا تۈزۈلمىسى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو قەتئىي ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپچىلىكتە ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا قائىدىسىنى قوغداشنى، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايمىز.» سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىرمۇنچە ئايلىنىپ يۈرۈپ موسكۋاغا كېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى، ئۇ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «سېربىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ يەككە تەرەپچىلىككە، قورۇقچىلىق ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ».
«قويۇق تۇماندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ يورۇقلۇققا قاراپ مېڭىشتا، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىش، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىر ياقىدىن باش چىقىرىش» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ.
تارىخنى باتۇرلار ياراتقان. جۇڭگو ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان «ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش» مەيدانى تارىخىي ھالقىلىق پەيتتە ئىنتايىن قىممەتلىك. رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش نەتىجىلىرىنى قوغداش»نى خالايدۇ.
كۆرۈشكەندە، چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»، ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قاتارلىق ئۇقۇملار ھەققىدە سۆزلىدى. سودا قورغىنى يالغۇز ئارالنى پەيدا قىلغان، تېخنىكا زومىگەرلىكى ئېگىز تام قوپۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو پۇرسىتى، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغىنى ئىككى تەرەپلا ئەمەس، يەنە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەتۈر شامال، تەتۈر ئېقىمدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولدى.
يەنە بىر سوئال: ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىيسى ئالدىدا، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە قانداق قىلغاندا توغرا مۇئامىلە قىلغىلى بولىدۇ؟
بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ تۈپ خىرىس تەرتىپ خىرىسى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسى نەتىجىلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما بولۇپ، ئۇ مىسلىسىز زەربىگە ئۇچرىدى.
زىيارەت پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق قانچىكى گىرەلەشكەنسېرى، بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىدا شۇنچە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك».
دۇنياغا ئادىللىق كېرەك، زومىگەرلىك كېرەك ئەمەس، تارىخنى «زوراۋانلىق دېمەك ھەققانىيەت دېمەكتۇر» دېگەن زۇلمەتلىك دەۋرگە قايتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ ئورتاق سادا، شۇنداقلا تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان داغدام يول.
تارىختىن ئەقىل - پاراسەت ئېلىش. بىرما رەھبىرى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە باندۇڭ روھىنىڭ دەۋر قىممىتىنى تەكىتلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
رېئاللىقتا جاسارەت بىلەن تاۋلىنىش. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەككە تەرەپلىك چەكلەش، زومىگەرلىك قىلىپ بوزەك قىلىشنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتتى. رەئىس شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل، ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەتلەر، كىمنىڭدۇر «ئارقا ھويلىسى» ئەمەس. ئۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ كۇبا، ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
دېڭىز بوغۇزى قان تومۇرنى ئۈزۈۋېتەلمەيدۇ. تەيۋەن جۇڭگو قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ، بۇ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، تارىخنىڭ قەلىمى بىلەن بۇرۇنلا ئېنىق يېزىلغان ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى ناھايىتى جاراڭلىق بولدى:
«تەيۋەن ئارىلىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، تاشقى كۈچلەرنىڭ قانداق پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ھامان بىرلىككە كېلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدىغان تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ».
ھەققانىيەت ساداسى خۇددى دولقۇن قىرغاققا ئۇرۇلغاندەك كۈچلۈك ياڭرىدى. «بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىمىز، تەيۋەن مەسىلىسىدە باشتىن - ئاخىر جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قوللايمىز»، «تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»... ھەرقايسى تەرەپلەر موسكۋادا ئۆزىنىڭ ئىزچىل مەيدانىنى بەس - بەستە تەكىتلىدى. بۇ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىغانلىق.
تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، كونا ھېسابات تۈگىمەي تۇرۇپلا يەنە يېڭى ھېسابات قوشۇلۇۋاتقان دۇنيادا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىش كېرەكمۇ ياكى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىش كېرەكمۇ، تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىشتىن ۋاز كەچكۈزۈش كېرەكمۇ؟ جۇڭگو ئادىل سۆزلەش، ئادىل ئىش قىلىش يولىدا پۇختا ماڭىدۇ، دۇرۇس ماڭىدۇ.
ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى دۇنيانى ئەندىشىگە سالدى. جۇڭگو تىنچلىققا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «جۇڭگو تەرەپ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دۇنياۋى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كىرىزىس پەيدا قىلىدىغان مەنبەنى تۈگىتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مەسىلىنىڭ يىلتىزى ۋە ئاساسى بولدى.
جۇڭگو تەرەپنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيدانىنى زۇڭتۇڭ پۇتىن يۈكسەك ئالقىشلاپ مۇنداق بىلدۈردى: شەرت بېكىتمەي تىنچلىق سۆھبىتى باشلاشنى خالايمىز، ئادىل، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بوران - چاپقۇندا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغاندا، قوللاشقا، ئىشەنچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، «يوللۇقلار خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، يولسىزلار مەدەتسىز قالىدۇ.» «بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشنى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇشنى تاللايدۇ».
(4) رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موسكۋادىكى ۋاقتى:
«چوڭ دۆلەتتە چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەت بولۇشى، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىشى كېرەك»
ئاق قېيىنلار يېڭىدىن كۆكىرىپ، قەلەمپۇرلار ئېچىلغان، «نەشپۈت چېچەكلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان» يەنە بىر يىل يېتىپ كەلدى.
رۇسىيە سەپىرىدىكى ئىككى ۋاقىت بۆلىكى دۇنيادا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى:
بىرى، مۆلچەرىي ھېسابلىغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ئون سائەتكە يېقىن پىكىر ئالماشتۇردى.
بىرى، رەئىس شى جىنپىڭ موسكۋادا ئۈچ كېچە تۇردى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە ئاز ئۇچرايدۇ.
بۇ ئىككى ۋاقىت بۆلىكى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
يەككە تەرەپچىلىك بىلەن كۆپ تەرەپچىلىك كەسكىن ئېلىشىۋاتقان، زومىگەرلىكنى قوغداش بىلەن زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش چوڭقۇر كۈچ سىنىشىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو - رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى، تارىخىي ئەھمىيىتى كۆزنى چاقنىتىدۇ.
دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى؛
كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى؛
تۈرلۈك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى؛
...
جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشى داۋالغۇش بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك توغرىلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ دۇنياغا بولغان «ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى» «مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشى».
«چوڭ دۆلەتتە چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەت بولۇشى، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىشى كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موسكۋادىكى ۋاقتى، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك رولى بىر ئاساسىي لىنىيە بولدى.
سەلتەنەتلىك جۇڭخۇانىڭ تارىخى شۇ قەدەر ئۇزاق، مەدەنىيلىكى شۇ قەدەر مول. تارىختىكى ئەگرى - توقاي تەرەققىيات داۋامىدا، ئىلگىرى مىللەت ئار - نومۇستا قالغان، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولغان، مەدەنىيلىككە چاڭ - توزان قونغان قاراڭغۇ پەيتلەرمۇ بولغان. لېكىن يۈز يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقىنى كۆزلەش بۇ ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ئىرادىسى، قەتئىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى.
5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە نەزەر. بۇ كۈنگە بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ۋە شانلىق نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن، «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قايتا تىكلىدى».
80 يىل ئىلگىرى، تارىختا يېڭى بىر بەت ئېچىلدى. چوڭ دۆلەتنىڭ تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە باشتىلا تىنچلىق ۋە ھەققانىيلىق ئويۇلغان. ئەينى يىلى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە باشلامچىلىق بىلەن ئىمزا قويۇشتىن، يېڭى دەۋردە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە، مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن بۇ چوڭ دۆلەت باشتىن - ئاخىر پۈتۈن دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكتى، خەلقنى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
قەدىمكىنى ئەينەك قىلىپ، ھازىرقىنى بىلىش. چوڭ دۆلەتنىڭ رولى مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىش سەۋەبىدىن بەلگىلەنمەيدۇ، بەلكى ھەربىر قېتىملىق تاللاش ۋە ھەرىكەت جەريانىدا ئىزاھلىنىدۇ. چوڭ دۆلەتنىڭ ئورنىغا يالغۇز ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىلمەيدۇ، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش - بولماسلىقى بەلگىلەيدۇ.
دەھشەتلىك دولقۇندا قەھرىماننىڭ جاسارىتى نامايان بولىدۇ. تارىخىي تەرەققىياتتىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت نەزەرىنى جۇڭگوغا قاراتتى. خۇددى سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئېيتقاندەك: «جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتتى».
«جۇڭگودا كەلگۈسىنى كۆردۇق، ئىشەنچنى كۆردۇق.» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشى، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ دۇنياۋى تەسىرى پۇختا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن.
ئىشەنچ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات كۈچىدىن كەلدى.
زىيارەت ھارپىسىدا، رۇسىيە تاراتقۇلىرى بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسەتتى، زۇڭتۇڭ پۇتىن سۆھبەتتە مۇنداق دېدى: 25 يىل ئىلگىرىلا، مەن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىم مەركىزىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراپ يۆتكىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغانىدىم؛ رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
ھەقىقىي تارىخىي ئاڭلىقلىق، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق بىر مەھەللىك تاشقىن يۆنىلىشىگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىشتا بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، تارىخىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا. زىيارەت داۋامىدا، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار. مەيلى تاشقى مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئۆز ئىشىنى قەتئىي ياخشى قىلىدۇ».
«ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي ياخشى قىلىمىز»، بۇ، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىشەنچىمىز، بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى يېتەكلەپ ھەمكارلىق ئارقىلىق بوران - چاپقۇنغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈشتىكى ئىشەنچ مەنبەيىمىز.
زىيارەت ھارپىسىدا، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىككى خىل كۆزىتىشىنى بىر يەرگە قويۇپ قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگىلى بولىدۇ.
بىرىنچى خىل كۆزىتىشتە، دىققەت جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مۇنداق يەكۈن چىقىرىلغان: «جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئاستا» بولغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو كۈندىن - كۈنگە «يېتەكچى كۈچ»كە ئايلاندى.
يەنە بىر خىل كۆزىتىشتە، دىققەت جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مۇنداق يەكۈن چىقىرىلغان: ھازىرقى جۇڭگو دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش پەقەت «ۋەقە تارىخى» بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشنىڭ ئالامىتى.
ئىشەنچ جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق كۈچىدىن كەلدى.
2013 - يىلى، دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا، تۇنجى بېكەتتە رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەگە باردى. «ئۆزىمىز 21 - ئەسىرگە قەدەم قويۇپ، كاللىمىز يەنىلا ئۆتمۈشتە توختاپ قالسا بولمايدۇ»، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى.
ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان ھەمكارلىق رامكىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا كىرگۈزۈلۈپ، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ۋە كۈچ مۇجەسسەملەندى.
بۈگۈنكى كۈندە، يەنە بىر قېتىم موسكۋاغا كەلگەندە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيە نۇرىنىڭ دۇنيادىكى چاقىرىق كۈچى، تەسىر كۈچى كىشىنى ھەيران قالدۇردى. 2021 - يىلى كۈزدە، 2022 - يىلى ئەتىيازدا، 2023 - يىلى ئەتىيازدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتتى، كېڭەيتتى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى يولىنى يورۇتتى.
«<دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى دوستلار گۇرۇپپىسى>نىڭ خىزمىتىگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ» «ئىككى تەرەپ دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى توغرىسىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ» «رۇسىيە تەرەپ دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ»... جۇڭگو داۋالغۇپ تۇرغان دەۋردە قەتئىي تەۋرەنمەي «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى»، بۇنى يىراقتىكىلەر ئېنىق كۆردى، ئاڭلىغانلار ئېنىق ئاڭلىدى.
موسكۋاغا يولغا چىقىش ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق دەۋر خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئېنىق ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى؛
ۋاقىتنى يەنە ئالدىغا سۈرگەندە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىدە، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا پۇختا بىر قەدەم تاشلاندى؛
بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتقا نەزەر سالساق، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقالدى.
دەۋر دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىپ تۇرىدۇ، ئادىللىق - ئىناقلىققا ئىنتىلىش، ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تەڭ نەپ ئېلىشنى كۆزلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن جۇڭگو سەمىمىي بولدى، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دوستى بار.
«مۇتلەق تۈز يول بولمايدۇ، ئۆتكەن ئىش قايتىلانمايدۇ.» تارىخ ھەمىشە ئەگرى - توقايلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. جاپا - مۇشەققەت ۋە سىناقلار ئۇيۇل تاشتەك چىڭ داۋلىغا، شىددەتلىك دولقۇندەك ئومۇمىي ۋەزىيەتكە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەيدىغان، ھەققانىيلىقنى ياقلايدىغان، داغدام يولدا ماڭىدىغان مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولى چەكسىز داغدام بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)