جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى («جۇڭگو») ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى («ئامېرىكا»)،
ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياۋى ئىقتىسادقا بولغان مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى؛
ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى؛
ئىككى تەرەپنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇزاكىرىسىگە ئاساسەن، داۋاملىق كېڭىشىشنىڭ ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛
ئۆزئارا ئېچىۋېتىش، داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ؛
ئىككى تەرەپ 2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ۋەدە بەردى:
ئامېرىكا (1) 2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى 14257 - نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇقتا بەلگىلەنگەن جۇڭگو تاۋارلىرى (شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ تاۋارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان باھاسىغا قاراپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، %24 تاموژنا بېجىنى دەسلەپكى 90 كۈن ئىچىدە يولغا قويۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەزكۇر مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇ تاۋارلاردىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان قالغان %10 تاموژنا بېجىنى ساقلاپ قالىدۇ؛ (2) 2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى 14259 - نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇق ۋە 2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى 14266 - نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن، بۇ تاۋارلاردىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
جۇڭگو (1) گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتىنىڭ 2025 - يىلى 4 - نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىدا بەلگىلەنگەن ئامېرىكا تاۋارلىرىدىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان باھاسىغا قاراپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىگە مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، %24 تاموژنا بېجىنى دەسلەپكى 90 كۈن ئىچىدە يولغا قويۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تاۋارلاردىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان قالغان %10 تاموژنا بېجىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەم گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتىنىڭ 2025 - يىللىق 5 - نومۇرلۇق ۋە 6 - نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ تاۋارلاردىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ (2) زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، 2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا قارىتىلغان غەيرىي تاموژنا بېجى قارشى جازا تەدبىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
يۇقىرىقى تەدبىرلەر قوللىنىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مېخانىزم ئورنىتىپ، ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا داۋاملىق كېڭىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋەكىلى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ، ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىلى مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت ۋە ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى جامىئېسون گرېر. كېڭىشىش جۇڭگودا، ئامېرىكىدا ياكى ئىككى تەرەپ كېلىشكەن ئۈچىنچى دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئالاقىدار ئىقتىساد - سودا قارالمىلىرى توغرىسىدا خىزمەت قاتلىمىدا كېڭەشسە بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جەنۋە، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)