شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «<جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى − 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى»نىڭ كىتابچىسى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.