شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 28 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى
توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك
سەي چى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى
تەبرىك خەت
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 28 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىكلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارغا، مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ جۇڭخۇا ياشلىرىغا سالام يوللايمەن!
بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى، يېتەكچىلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، كەڭ ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىش، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ياشلار چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ. كەڭ ياشلار ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ياشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، كەڭ ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ
2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 28 - قۇرۇلتىيى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارغا، مەملىكەت سىرتىدىكى كەڭ جۇڭخۇا ياشلىرىغا سالام يوللىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى، يېتەكچىلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، كەڭ ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىش، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ياشلار چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ. كەڭ ياشلار ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ياشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، كەڭ ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يەنىمۇ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. كەڭ ياشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى گەنجيې، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، تيې نىڭ، باتېر يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى ئا دۇڭ سۆز قىلدى. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى خې جۈنكې خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شۈ شياۋ ۋە 27 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شۈ خۇي مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 27 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئايرىم - ئايرىم خىزمەت دوكلاتى بەردى.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 28 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى خۇلاسىلىنىدۇ، كەلگۈسى بەش يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ، «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى» ۋە «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلىدۇ.