پارتىيەگە تەلپۈنىدىغان ئوتتەك قەلب بىلەن يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىمىزگە ئالىمىز

2025-07-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوۋ بېنچاڭنى رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا سالام يوللىغانلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا دۆلەت دىراما ئۆمىكىنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئارتىسى يوۋ بېنچاڭغا بولغان رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە سالىمىنى يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلىپ، ئۇنىڭ 92 يېشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى، يوۋ بېنچاڭنى «سىزدە پارتىيەگە تەلپۈنىدىغان ئوتتەك قەلب بار ئىكەن، بۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ» دەپ ماختىدى ھەم ئۇنىڭ «پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسىنى يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش»ىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ۋە سالام يوللىغانلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەگە تەلپۈنىدىغان ئوتتەك قەلب بىلەن يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ يېڭى مەدەنىيەتنى تىرىشىپ يارىتىمىز.

«باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يوللىغان سالىمىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، مەن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلدىم، قاتتىق ھاياجانلاندىم.» يوۋ بېنچاڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيە تەشكىلاتى ماڭا تاپشۇرغان ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى ئەستايىدىل تاماملاپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا كۈچ قوشىمەن».

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوۋ بېنچاڭنى رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ۋە سالام يوللىغانلىقى دۆلەتلىك دىراما ئۆمىكىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە ياشنىڭ ئېتىقاد چېگراسى ئەمەسلىكىنى، ھەقىقىي سەنئەتنىڭ مەڭگۈ ئەقىدە بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» دۆلەتلىك دىراما ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تيەن چىنشىن مۇنداق دېدى: دىراما ئۆمىكىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئاساس، سەنئەتتە چىڭ تۇرۇشنى پىرىنسىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى روھ قىلىپ، قولىمىزدىكى سەنئەت قەلىمىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ مەنىۋى خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىمىز، مەدھىيەلەيمىز.

سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى. ئەڭ ياخشى مەنىۋى ئوزۇقنى خەلققە تەقدىم قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارلىقىدىكى گۈللەرنى مەڭگۈ خەلق ئۈچۈن پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4 - شى كۆكدالا شەھىرى، بىر مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى بۇ جايدا ئورۇنلىنىۋاتاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان سىچۇەن ئۆلكىلىك ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ شۈدۇڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ شۈدۇڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ يېقىشلىق شەكىل ئارقىلىق پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ قەلب ساداسىنى ناخشا ئارقىلىق ئىپادىلەپ، خەلق ئاممىسىغا شادلىق بېغىشلىدى. «باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئەلنەغمە خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلەپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كامالەتكە يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا شادلىق، ئىللىقلىق، مەنىۋى رىغبەت ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى يەتكۈزىمەن» دېدى ئۇ.

گۇگۇم چۈشكەندە، خۇبېي شياۋگەن چوڭ تىياتىرخانىسىدا چىراغلار يوپيورۇق بولۇپ، بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى. ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۆلەتلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ ياش ئارتىسى ۋاڭ يۈجوۋ خىزمەتداشلىرى بىلەن باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يوللىغان سالىمىنى ئۆگىنىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

«بىز پارتىيەگە بولغان ساداقىتىمىز، سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقىمىز بىلەن، سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ سەنئەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سەھنىدىكى ھەربىر جانلىق پېرسوناژنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇرلاپ نامايان قىلىپ، ناخشا ئېيتىش ماھارىتى، سەھنە سۆزى، ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسى، چامباشچىلىق ماھارىتى كۆرسىتىش جەريانىدا، خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان تىياتىرلارنى جان - دىل بىلەن ياخشى ئورۇنلايمىز، ھەربىر ھەرىكەت، ھەربىر ماھارەتنى ئورۇنلاش جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گۆھىرىنى ياخشى ئاسرايمىز، ياخشى ئەۋج ئالدۇرىمىز» دېدى ۋاڭ يۈجوۋ.

ماقالە ۋەزىيەت ئاساسىدا يېزىلىشى، ناخشا بىلەن شېئىر رېئاللىق ئاساسىدا يېزىلىشى كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دەۋر كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دەۋرىمىزگە مۇناسىپ كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىشى كېرەك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، پېشقەدەم سەنئەتكارلارغا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن غەمخورلۇق قىلغانلىقى بىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىش ئىرادىمىز ۋە ئەقىدىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى» دېدى شېنياڭ چۇنفېڭ ئەدەبىيات - سەنئەت نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى ياۋ خۇڭيۆ.

ياۋ خۇڭيۆ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «كىمخاب كەشتە» «پارتىيەنىڭ نەشرىياتچىلىق ھېكايىسى» قاتارلىق يىللىق «جۇڭگو ياخشى كىتاب»لىرىنى تەھرىرلەپ نەشر قىلىش ئارقىلىق، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى ئىكەنلىكىنى، بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىگە ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى، بىر دەۋرنىڭ كەيپىياتىغا ئەڭ يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتى شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جەمئىيەتتە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى چېن يۇڭچۇەنگە زىممىسىدىكى ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

«بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتى مېيخۇا مۇكاپاتى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر تىياتىرلارنى خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزىدۇ؛ جۇڭگودىكى ئاز ئۇچرايدىغان تىياتىر تۈرلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىياتىر سەنئىتىنى تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىنىش، تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.» چېن يۇڭچۇەن مۇنداق دېدى: «بىز كەڭ تىياتىر خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىپ، ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە ئەجرىمىز ئارقىلىق، پۈتۈن ھېسسىياتىمىز بىلەن ئىجاد قىلىپ، غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى، خەلق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان گۈزەل جۇڭگو ھېكايىسىنى نامايان قىلىمىز».

يازلىق تەتىل يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، مەركىزى تىياتىر شۆيۈەنىنىڭ رېپېتىتسىيە مەيدانىدا، 2024 - يىللىق مۇزىكىلىق تىياتىر تولۇق كۇرس سىنىپىدىكى جاڭ تيەنچىن يەنىلا ساۋاقداشلىرى بىلەن رېپېتىتسىيە قىلىشقا قاتنىشىۋاتاتتى. پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدىن تېخىمۇ كۆپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ھېس قىلدى.

«مەن پەقەت شەخسنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشى بىلەن دەۋر تەرەققىياتى ماس قەدەمدە بولغاندىلا، ئاندىن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئەسەرلەرنى ھەقىقىي ئورۇنلىغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» جاڭ تيەنچىن مۇنداق دېدى: «مەن غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلىشىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيىتىمنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپەمنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمەن».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)