شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوۋ بېنچاڭغا بولغان رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە سالىمىنى يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى

2025-07-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا دۆلەت دىراما ئۆمىكىنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئارتىسى يوۋ بېنچاڭغا بولغان رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە سالىمىنى يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ 92 يېشىڭىزدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەنلىكىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ، بۇنىڭدىن خۇشال بولدۇم. سىزدە پارتىيەگە تەلپۈنىدىغان ئوتتەك قەلب بار ئىكەن، بۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. سىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسىنى يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا بەخت تىلەيمەن!

يوۋ بېنچاڭ 1933 - يىلى تۇغۇلغان، ئۇزاق مەزگىل تىياتىر ئورۇنلاش بىلەن شۇغۇللانغان، «جىگۇڭ» قاتارلىق ئەسەرلەردە خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن نۇرغۇن بەدىئىي ئوبرازلارنى ياراتقان، 2024 - يىلى 32 - نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى بويىچە جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يوۋ بېنچاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 70 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، بۇرۇنلا پارتىيەگە كىرىش ئارزۇسى بار ئىدى، لېكىن ھەمىشە ئۆزىنى پارتىيە ئەزالىق شەرتىگە يەتمىگەندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ 2024 - يىلىنىڭ بېشىدا رەسمىي يوسۇندا پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇردى، 2025 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولۇشقا تەستىقلاندى. «1 - ئىيۇل» ھارپىسىدا، ئۇ دۆلەتلىك دىراما ئۆمىكى پارتىيە كومىتېتى ئۆتكۈزگەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.