جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2025-09-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن)

شى جىنپىڭ

پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداشلار،

ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى،

ھۆرمەتلىك مېھمانلار،

پاراتتىن ئۆتىدىغان بارلىق ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلەر،

يولداشلار، دوستلار:

بۈگۈن، بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، بىرلىكتە تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى ياراتماقتىمىز.

مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلارغا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئۇلۇغ ئۇرۇش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، جۇڭگو خەلقى ئېگىلمەس - سۇنماس جاسارەت بىلەن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى بىلەن مۇستەھكەم ئىستىھكام قۇرۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى 1 - قېتىملىق مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو خەلقى غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى قۇتقۇزۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

تارىخ بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندىلا، ئاندىن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، ئۇرۇش مەنبەسىنى تۈگىتىپ، تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ!

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭخۇا مىللىتى زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان ئۇلۇغ مىللەت. ئەينى يىللىرى، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ئىلغارلىق بىلەن ئەكسىيەتچىللىكنىڭ ھايات - ماماتلىق كۈچ سىنىشىشى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلار يەنە تىنچلىق ياكى ئۇرۇش، سۆھبەتلىشىش ياكى قارشىلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ياكى نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتەك تاللاشقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو خەلقى قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلدى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان قىسىم. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلەر مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

تارىخقا ئۆتمۈش خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا ئۇ كەلگۈسىگە ئىلھام بېرىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك!

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۇلۇغۋار ئىشلىرى مۇقەررەر غەلىبە قىلىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)