شى جىنپىڭ 2025 - يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2025-09-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2025 - يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، دۇنياۋى كەسىپ ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا. جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇۋۋەت بېغىشلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىغان خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات بولۇشى كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئىدارە قىلىش قائىدىسى، تېخنىكا ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ ساغلام، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدار نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

2025 - يىللىق دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ۋە «تورغا ئۇلانغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاقىل ئاپتوموبىل» بولۇپ، چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.