مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پاراتىغا قاتناشقان بارلىق خادىملار تەقدىرلەندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پاراتىغا قاتناشقان بارلىق خادىملار تەقدىرلەندى.
تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى كاتتا خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملار جۇمھۇرىيەت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەتلىك، مەردانە مەزمۇت قەدەملىرى، ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك پولاتتەك جەڭ سېپى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتى، ھەيۋەتلىك ۋە مەردانە جەڭگىۋار قىياپىتى ئارقىلىق شەرەپ بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان، چوڭ دۆلەت سالاپىتىگە ئىگە بولغان، قۇدرەتلىك ئارمىيەنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان بىر مەيدان تەنتەنىلىك ھەربىي پارات مۇراسىمىنى تەقدىم قىلدى. پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنىڭ ئېسىل، قالتىس ئىپادىسى پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ يادرونى قەتئىي قوغداش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنىدىغان سىياسىي خىسلىتىنى ۋە تومۇرغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش يېڭى قىياپىتىنى، كۈچ قۇرۇلمىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشنى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەشنى، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش يېڭى ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئىرادىسى، غەيرىتى ۋە قاتتىق يادرولۇق ئەمەلىي كۈچىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، مىللەت روھىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىن ھېسسىياتىنى قوزغاتتى، كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەربىي پارات ۋەزىپىسىنىڭ غەلىبىلىك تاماملىنىشى پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىرادىدىن قايتماي كۈرەش قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. كەڭ پاراتتىن ئۆتكەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قالتىس نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلدى، ھەر دەرىجىلىك قوماندانلىق ئاپپاراتلىرى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، پۇختا تەشكىللەپ، ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرلۈك كاپالەت كۈچلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرەك بولۇپ، ھەربىي پارات ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. ھەربىي پارات ئەمەلىيىتىدە، پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملار پارتىيەگە سادىق بولۇش، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىشتەك سىياسىي پەزىلىتىنى، مۇھىم ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، بۇرچنى ئادا قىلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردا تۇرۇش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئالغا ئىنتىلىش ئېڭىنى، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشتەك ئېسىل ئىستىلنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ياخشى قىياپىتىنى، ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ياخشى قىياپىتىنى تىكلىدى.
تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملاردىن ئۆگىنىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىكلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەمىز رەھبەرلىك قىلغان بۇ قەھرىمان قوشۇننى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ تاۋلاپ چىقىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!