شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، خۇاڭ ياڭ) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، كۆپلىگەن نۇقتىلىق تۈرلەردە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - موڭغۇلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك ۋە قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ھەمراھى بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دۇنياۋى خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بۇ تەشەببۇسنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ.
كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بولغان قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش موڭغۇلىيە دۆلىتى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر باراۋەر قاتنىشىدىغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلدى، موڭغۇلىيە تەرەپ يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا سەھنىدە ئۆزئارا قوللاپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ تاموژنا، ئۆلچەم، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، بەي شىنيۈ) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دوستانە يېقىن قوشنىلار ۋە يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشمە پەن تەتقىقات، يېشىل ئېنېرگىيە، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ئۆزبېكىستان قانۇن ئىجرا قىلىش خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرى خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشقا پايدىلىق. جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسى نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغدىشى، تەستە قولغا كەلگەن تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى قوغدىشى كېرەك.
مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنيانىڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تىنچلىقىنى قوغداشتىكى قەيسەرلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتى مول ئۈنۈملۈك بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كۈچلۈك ئۆستۈردى. ئۆزبىكىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى تامامەن قوللايدۇ. بۇ تەشەببۇس دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇپ، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەزەرنى گەۋدىلەندۈردى، ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بۇ تەشەببۇسنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى. ئىككى تەرەپ يەنە ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىقى، رەقەملىك ئىقتىساد، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئالەم قاتنىشى، تاموژنا قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاۋ يىبو، لۇ جۈنيۈ) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردى مۇھەممىدوف بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى ھەمراھلار. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىيالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ مەڭگۈ بىتەرەپ تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بايلىقتىن باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، لۇبەن ھۈنەرخانىسى، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو - تۈركمەنىستان ئىككى دۆلەت 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىق بەرگەن، ئىككى تەرەپ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغدىشى، دۇنيا تىنچلىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
بەردى مۇھەممىدوف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تۈركمەنىستاننىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى چوڭقۇر، ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ. تۈركمەنىستاننىڭ «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، سودا، مەبلەغ سېلىش، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، تەڭپۇڭ بولغان دۇنيا ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پائال تۆھپە قوشتى، تۈركمەنىستان تەرەپ ئالاقىدار ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى خەلقئارا مۇناسىۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق، تۈركمەنىستان تەرەپ تامامەن قوللايدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاۋ يىبو، يۈەن رۇي) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئىران مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلىدى. بۇلتۇر بىز قازاندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا نۇرغۇن يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، ئىران تەرەپ بىلەن بولغان دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، پاكىز ئېنېرگىيە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قورال كۈچى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشتىكى توغرا ئۇسۇل ئەمەس، پىكىر ئالماشتۇرۇش - سۆھبەتلىشىشلا ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى توغرا يول. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىك ۋەدىسىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىران تەرەپنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئىران تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداپ، سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئادالەتنى ياقلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ.
پېزېشكيان مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولغان مەزگىلدە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈچەيدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، ئىران تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىران تەرەپ تامامەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، بەي شىنيۈ) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ۋە زۇڭتۇڭ راخماننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو - تاجىكىستان ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، بىر قاتار ھەمكارلىق تۈرلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە، جۇڭگو - تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - تاجىكىستان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىشنى، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، رەقەملىك ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قوللاشنى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، داۋالاش، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئىككى دۆلەت 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىق بەرگەن، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
راخمان مۇنداق بىلدۈردى: تاجىكىستان تەرەپ تاجىكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاجىكىستان - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. تاجىكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، مەڭگۈ جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. تاجىكىستان تەرەپ ئىقتىساد - سودا، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن، ئىنسانلار تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى دۇنيا دەرىجىلىك داھىينىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، تاجىكىستان تەرەپ تامامەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جۇ چاۋ، دۇڭ شۆ) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - پاكىستان ئىككى دۆلەت ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان دوستلار، قېرىنداشتەك دوستلار، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشەنچلىك دوستلار، ھەققانىيەت ۋە ئەخلاق تۇيغۇسىغا ئىگە دوستلار، تەۋرەنمەس دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، بۇ، تارىخنىڭ قاتمۇقات سىناقلىرىدا تاۋلىنىپ چىققان. دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، كۈچلۈك بولغان جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتى رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا پايدىلىق. ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننىڭ ئىتتىپاقلىقنى ساقلىشىنى، دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈشىنى، دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن 2.0 نۇسخىسى» ۋە جۇڭگو - پاكىستان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەرپا قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پاكىستان تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ پاكىستاندىكى خادىملىرى، تۈرلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.
شاھباز مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ، جۇڭگونى قۇتقۇزدى، شۇنداقلا دۇنيانى ئۆزگەرتتى. پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقى 200 مىليوندىن ئارتۇق پاكىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقان، ھەربىر ئەۋلاد كىشىلەر جۇڭگو بەرگەن خالىس ياردەمنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ، پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم دوستلۇقىنى ھېچقانداق كۈچ تەۋرىتەلمەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تاماملاپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت ياراتتى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيادا ماختاشقا ئېرىشتى ۋە قەلبلەرنى مايىل قىلدى. پاكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق رىشتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پاكىستان تەرەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن پاكىستاندىكى جۇڭگو خادىملىرى، تۈرلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، پاكىستان تەرەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ ھەم پائال ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، شاۋ يىبو) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك ياخشى دوستلار، ئىككى تەرەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 50 يىلى»نى ئوڭۇشلۇق باشلىدى. بۇ يىل 4 - ئايدا، مەن مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ «يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئىستراتېگىيەلىك» يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. قول تۇتۇشۇپ رايون يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەمكارلىق ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ھەمكارلىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچە رايونى»، شەرقىي دېڭىز قىرغىقى تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ياخشى قۇرۇشى كېرەك. «رۇجيا مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكى سۆھبىتى»نى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتە يېقىن ئۆتۈش رىشتىنى چىڭىتىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
ئەنۋەر مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مالايسىيادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، مالايسىيادىكى ھەر ساھە ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ھېلىلا ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەم ئىلغار ئىدىيە، ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھەقىقىي لايىھەسى بار، بۇنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور. مالايسىيا تەرەپ مالايسىيا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.